شىنخۇا تورىنىڭ ئەنقەرەدىن ئەۋەتىلگەن خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: تۈركىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسىنىڭ زۇڭلىسى ئەردوغان، ئەنقەرەدىكى ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسىنىڭ قوماندانلىق مەركىزىدە تۇرۇپ، بۇ قېتىملىق يەرلىك سايلامدا (30-چىسلا ئۆتكۈزۈلگەن) ئۆز پارتىيسىنىڭ غەلبە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
ھازىر تەخمىنەن 85% لىك بېلەت تاشلاشنىڭ نەتىجىسىدىن قارىغاندا، تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى 45.5%، ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە بولغان جۇمھۇرىيەت پارتىيسىنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى 15.5%، تىنىچلىق ۋە دېموكرات پارتىيسىنىىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى 4.1% بولغان.
ئەردوغان مۇنداق دېدى: ‹ بۇ قېتىملىق سايلامدا ،ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى غەلبە قىلدى، ئەڭ مۇھىم نەتىجە شۇكى تارىخنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى›. ھازىرقى دەسلەپكى قەدەملىق نەتىجىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىملىق سايلامدىن كېيىن ھەققانىيەت ۋە تەرەققىياتچى پارتىيە تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھرى ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدىكى شەھەر باشلىقى ئورنىغا ئېرىشىپتۇ، تىنىچلىق دېموكرات پارتىيسى تۈركىيەنىڭ ئۈچىنچى چوڭ شەھرى ئىزمىرنىڭ ۋە تۆتىنچى چوڭ شەھەر ئانتالىيانىڭ شەھەر باشلىقى ئورنىغا ئېرىشىپتۇ. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق سايلام جەريانىدا، تۈركىيەدىكى 76مىلىيون660مىڭ ئادەمدىن، 5مىلىيون200مىڭ ئادەم بۇ قېتىملىق سايلامغا قاتناشقان، بۇ قېتىملىق سايلامدا يەرلىكتە قالايمىقانچىلىق ۋە تۇقۇنۇش يۈز بېرىپ، 8ئادەم ئۆلگەن ۋە 30ئادەم يارلانغان.
ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسىنى، جۇمھۇرىيەت پارتىيسىنى، تنىچلىق دېموكرات پارتىيسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، 26 پارتىيە بۇ قېتىملىق سايلامغا كىردى، ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى 2009-يىللىق مەملىكەت خارەكتىرلىك يەرلىك سايلامدا 39.1%لىك بېلەتكە ھەم 2011-يىلى يەرلىك سايلامدا 49.9% لىك بېلەتكە ئېرىشىپ غەلبە قىلغان.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
تەھرىر: ئوسمان
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved