بۈگۈن پاي بازىرى چۈشۈش بىلەن باشلاندى، كېيىن بىر مەھەل تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى 3500 نۇقتىغا چىققان بولسىمۇ، ئەمما كېيىن يەنە تېز سۈرئەتتە چۈشۈپ، تۈنۈگۈن بازار يېپىلغان ۋاقىتتىكى سەۋىيەگە قايتتى، چۈشتە بازار يېپىلىشقا ئاز قالغاندا بانكا، ئاكسىيە قاتارلىق چوڭ پايلارنىڭ زور كۈچ بىلەن ئالغا ئېلگىرلىشى تەسىرىدە شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچىدە يەنە ئۆسۈش كۆرۈلدى. ئەمما يېڭىلىق يارىتىش تىتپىكى پاي بازىرىدا ئەتىگەندىن بېرى ئۇدا چۈشۈش كۆرۈلدى، ئۇقۇم پايلىرىنىڭ ھالسىزلىنىشى تەسىرىدە يېڭىلىق يارتىش تىپتىكى پاي كۆرسەتكۈچىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى بىر مەھەل %4 كە يەتتى.
چۈشتە بازار يېپىلغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى 3468.32 نۇقتىغا چىقىپ، ئەتىگەندىن بىرى 12.01 نۇقتا ئۆستى؛ شىنجىن پاي كۆرسەتكۈچى 11996.74 نۇقتىغا چۈشۈپ، ئەتىگەندىن بىرى 84.43 نۇقتا چۈشتى؛ يېڭىلىق يارىتىش تىپتىكى پاي كۆرسەتكۈچى 2589.21 نۇقتىغا چۈشۈپ، ئەتىگەندىن بىرى 66.13 نۇقتا چۈشتى، چۈشۈش نىسبىتى %2.49 كە يەتتى. خۇسۇسىي پاي بازىرىدا 19 پاي ئۆسۈشتىن توختىدى، 55 پاينىڭ ئۆسۈش نىسبىتى %5 تىن ئېشىپ كەتتى؛ 12 پاي چۈشۈشتىن توختىدى، 382 پاينىڭ باھاسى %5 تىن ئارتۇق چۈشۈپ كەتتى.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved