شىنخۇا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ج ك پ كومىتېتى سىياسىي بىيرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ،گوۋۇيۈەننىڭ باشلىقى جاڭ دېجىياڭ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ ،نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا مۇتەخەسىسى ئالىملار ۋە كارخانا ،مەسئۇللىرىنىڭ پىكىر تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى .يىغىنغا ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيرۇسى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى ،گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى قاتناشتى .
يىغىندا مۇتەخەسىسى ئالىملار ۋە كارخانا مەسئۇللىرى ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى قاتارلىقلارنى چۆرىدە پ قاراشلىرىنى بايان قىلدى .كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى :‹|خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ ئۆزگىرىشچان بۇلۇۋاتقان ،دۆلەت ئىچىدە زىددىيەت قىيىنچىلىق كۆپ بۇلۇۋاتقان ئەھۋالدا جۇڭگو ئىقتىسادىي مۇقىم يۈرۈشىۋاتىدۇ .بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقىدىن ئازراق ئاستىلىغان بولسىمۇ ،لېكىن پۈتۈن يىللىق ئېشىش يەنىلا 7.55ئەتراپىدىكى مۇۋاپىق دائىرىدە بولدى .لى كېچىياڭ كۆپچىلىك بىلەن كېلەركى يىلدىكى تەرەققىيات ،ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتى ،تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە نۇرغۇن خىرىس قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى .
لى كېچىياڭ مۇنداق دېدى :‹مۇرەككەپ جىددىي ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ئالدىدا يۈرۈشتۈرۇشنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشىدە چىڭ تۇتۇشقا ماھىر بۇلۇپ ،تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى توغرا تۇنۇش ،ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت ،دېموكراتىك ئىلمىي تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشىشىنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدىكى ئورنىنى ھۆكۈم قىلىپ ،ئىقتىسادنىڭ ئېشىشقا ئاساسەن ،ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ،تەرەققىيات جەريانىدا ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ،ئېكىلوگىيىلىك مۇھىتنى ياخشىلاش ،سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك . ئۇزاق مۇددەتلىك چارە بىلەن رېئال قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ ،بازارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ،ئېنېرگىيە توپلاش ،سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى كۈچەيتىش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك .
لى كېچىياڭ مۇنداق دېدى :‹تەرەققىيات بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە .ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ،تەرەققىياتىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك جەڭنى ياخشى قىلىش كېرەك . مۇۋاپىق سۈرئەتنى ساقلاپ ،داۋاملىق زورايتىپلا قالماي ،سۈپەتنى ،ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش كېرەك .يەنى ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلاپ ،ئوتتۇرا يۇقىرى سەۋىيىدە يۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك . تۈپ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم ،مەمۇرىي تەستىق ،بازار قۇرۇلمىسىنى كېڭەيتىپ ، بازار بوشلۇقىنى ئازايتىپ ،ئىگىلىك تىكلەش بوشلۇقىنى كۆپەيتىش،بازارنىڭ ھاياتى كۈچىنى كۈچەيتىپ ،تېخىمۇ كۆپەيتىش . بىر مىليارد 300 مىليون كىشىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى ئىگىلىك تىكلەش يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا تۇلۇق جارى قىلدۇرۇش لازىم ›.
لى كېچىياڭ مۇنداق دېدى :‹جۇڭگو ئىقتىسادىدا مۇقىم يىراقنى كۆرەر بۇلۇش كېرەك ، چوقۇم يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ ،دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈلۈش كېرەك .يېڭى كەسىپ پوزىتسىيىنى قوللاپ ،ئۇلارنى مۇنبەت تۇپراققا ئىگە قىلىپ ،ئىقتىسادنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك .يېزا ئىگىلىكى ياسىمىچىلىق مۇلازىمەت كەسپىدىكى رىقابەتنى ئۆستۈرۈپ ،يېڭى رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى يېتىشتۈرۈپ ،ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ ،تەرەققىياتنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك .
بىز ھەممىدىن بەك تەرەققىيات ئارقىسىدىكى خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلىمىز .خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق ياخشىلاپ جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشمۇ ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ تەرەققىياتقا تېرەك بولىدىغان كۈچ .مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش قۇيۇپ بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتەك بىر يۈرۈش تەدبىرلەر مىكرو كىچىك كارخانىلار ،مۇلازىمەتچىلىكنى تېز تەرەققىي قىلدۇرىدۇ .باشلامچىلىق بولسىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورنى ئاشىدۇ .كىرىمنىڭ ئېشىشىنى تېزلىتىش ،ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ ئۇل -ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېزلىتىپ ،سانائەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ ،مۇھىم ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات تەدبىرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك . خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى بىلەن تەرەققىياتنىڭ خەلق ئۈچۈن ئىكەنلىكىدەك ئۇقۇم ۋە ۋەدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك .گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىدىن لىيۇ يۈەندۇڭ ، ۋاڭ ياڭ ،ماكەي ۋە دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved