23-نويابىر، ئۈچ كۈن ئېچىلىدىغان 2015-يىللىق دۇنيا ماشىنا ئادەم قۇرۇلتىيى بېيجىڭ دۆلەتلىك يىغىن مەركىزىدە باشلاندى. يىغىنى جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان. 12 ماشىنا ئادەم خەلقئارا تەشكىلاتى، دۆلەت ئىچىدىكى 58 پەن تەتقىقات ئورگىنى يىغىنغا قاتناشتى. 10 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونىدىن كەلگەن 100 دىن ئارتق داڭلىق مۇتەخەسسىس-ئالىم ئاساسىي دوكلات يىغىنى ۋە مەخسۇس مۇنبەرگە قاتناشتى. دۆلەت ئىچىدىكى 100 دىن ئارتۇق كارخانا ماشىنا ئادەم كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، ئىلغار ماشىنا ئادەم مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمىگە قويدى. 16 دۆلەت ۋە رايوندىكى 145 ياشلار-ئۆسمۈرلەر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىككى كۈنلۈك دۇنيا ياشلار-ئۆسمۈرلەر تەكلىپ مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.
![]() |
Spendwalle تەتقىقات قوشۇنى يېقىندا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىرونلۇق ھەميانغا ئوخشىشىپ كەتمەيدىغان MFE ماگنىت مەيدانى تېخنىكىسىنى ئېلان قىلدى.
Spendwallet نىڭ دېيىشىچە، ئۇلار ئەنئەنىۋىي NFC تېخن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved