پۇتبول تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى
10-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى 29-ئايلانمىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى بېيجىڭ گوئەن كۇلۇبىنىڭ مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى. بېيجىڭ گوئەن كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا گۇاڭجۇ خېڭدا كۇلۇبىنى 1-0 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى.
بېيجىڭ گوئەن كۇلۇبى گۇاڭجۇ خېڭدا كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن نۇرغۇن يېڭى نەتىجىلەرنى ياراتتى. كوماندىنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقە تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى نومۇرى 66 نومۇرغا كۆتۈرۈلدى. تارىختىكى ئۇدا غەلبە قىلىش سانىمۇ 7 مەيدانغا ئۆزگەردى. ھەتتا بىر مەيدان مۇسابىقىدىكى توپ ئۇتۇش مۇكاپات پۇلى 6 مىلىيۇن 500 مىڭ يۈەنگە يىتىپ تارىختىكى يەنە بىر يۇقىرى نەتىجىنى ياراتتى.
ئىگىلىنىشچە بۇ مۇسابىقىدىن بۇرۇن بېيجىڭ گوئەن كۇلۇبىنىڭ باش لىدىرى جاڭ لونىڭ ئۆزى بىر قوللۇق گوئەن كۇلۇبىنىڭ توپ مەيدانىغا بېرىپ كوماندىنىڭ مەشىق ئەھۋالىنى كۆرگەن. ھەمدە توپچىلارنى رىغبەتلەندۈرگەن. كوماندا مۇسابىقىگە ئاتلىنىش ئالدىدا گوئەن كۇلۇبى توپچىلارغا ئېنىق قىلىپ پەقەت خېڭدا كوماندىسىنى ئۇتالىسىلا كۇلۇب كۆپچىلىكنىڭ تىرىشچانلىقىغا لايىق جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
دەرۋەقە بۇ مەيدان مۇسابىقىدە خېڭدا كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن كۇلۇب بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ توپ ئۇتۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ 5 مىلىيونغا ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ھەمدە مېھمان مەيداندا توپ ئۇتۇش مۇكاپات پۇلى 1 مىلىيۇن 500 مىڭ يۈەننى قوشقاندا بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ توپ ئۇتۇش مۇكاپات پۇلى 6 مىلىيۇن 500 مىڭ يۈەنگە يىتىپ يېڭى رىكوت ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن كوماندا ئەزالىرى كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە ئاددىيلا تەبرىكلىگەندىن كىيىن نەرسە كېرەكلىرىنى يېغىشتۇرۇپ ئايردرومغا قاراپ يول ئالغان. كېچىلەپ بېيجىڭغا قايتىپ قېينكى ئايلانما مۇسابىقىسى خېنەن قۇرۇلۇش كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved