ياپونىيەنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىغا ئىگە ئاساسىي قانۇن ئالىملىرى تۈنۈگۈن پارلامېنتنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا بىردەك ئابى شىنزو ھۆكۈمىتى پارلامېنتنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنغان بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇنى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ دەپ ئەيىبلىدى.
ياپونىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ۋە سىرتىدىكى پارتىيەلەر كۆرسەتكەن ئۈچ نەپەر ئاساسىي قانۇن ئالىمى شۇ كۈنى پارلامېنت ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا قاراپ چىقىش ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشتى. ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە كۆرسەتكەن نامزاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ئاساسىي قانۇن ئالىمى بىردەك مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى يۈرگۈزۈشكە رۇخسەت قىلىدىغان بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇنى ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ توققۇزىنچى ماددىسىغا ئېنىق خىلاپ.
ياپونىيە ھۆكۈمىتى 14-ماي كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلار جەھەتتە بىر گەۋدىلىشىشىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى بىر يۈرۈش بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى، ئارقىدىن ئۇنى پارلامېنتنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندى.
![]() |
پىرېزىدېنت تۈزۈمى
پىرېزىدېنت تۈزۈمىنىڭ تۆت ئالاھىيدىلىك بار: بىرىنچى، پىرېزىدېنت دۆلەت تۈزۈمىنىڭ شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى، مەمۇرىي ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ، ئۈچ خىل ئارمىيەنى باشقۇرىدۇ.
ئىككىنچى،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved