ئىتالىيە دېڭىز قىرغىقى قوغداش ئەترىتى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشتى
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 14-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر پاراخوت لىۋىيەدىن يولغا چىقىپ يەر ئوتتۇرا دېڭىزنى كېسىپ ئۆتۈپ ئىتالىيەگە ئوغرىلىقچە كېتىۋاتقاندا ئۆرۈلۈپ كېتىپ، ئاز دېگەندىمۇ 400 قانۇنسىز كۆچمەن قازا قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ پاراخوتتا 550 نەپەر قانۇنسىز كۆچمەن ئولتۇرغان، ئوغرىلىقچە ماڭغان بۇ پاراخوت لىۋىيە دېڭىز قىرغىقىدىن ئايرىلىپ تەخمىنەن 24 سائەتتىن كېيىن ئۆرۈلۈپ كەتكەن، قۇتقۇزۇۋېلىنغان 150 كىشى ھازىر ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بىر پورتقا ئېلىپ بېرىلغان.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved