ئىلگىرى بىر پارچە قۇملۇق بولغانىكەن، قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدا جەننەتتەك گۈزەل بىر شەھەر بولغانىكەن، بۇ شەھەردە ئاجايىپ قاملاشقان بىر شاھزادە بار ئىكەن. سىزچە بۇ بىرەر چۆچەكنىڭ باشلىنىشىمىدۇ؟ شۇنداق دېسەكمۇ بولىدۇ، ئۇنداق ئەمەس دېسەكمۇ بلىدۇ. چۈنكى قۇملۇقنىڭ بولغىنى، قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدا گۈزەل بىر شەھەرنىڭ بولغىنى ۋە بۇ شەھەردە بىر شاھزادىنىڭ ياشايدىغانلىقىمۇ راست.
بۇ شاھزادە 1982-يىلى تۇغۇلغان، كىچىكىدىنلا ناھايىتى ئوماق بولۇپ، يوغۇن كۆزلىرى، قاپقارا ئۇزۇن كىرپىكلىرى، يۇمىلاق يۈزلىرى كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەتتى. كېيىن چوڭ بولغانسېرى شاھزادىنىڭ قاش-كۆزلىرى تېخىمۇ چىرايلىقلىشىپ، تېخىمۇ قاملاشقان بولۇپ كەتتى.
بۇ شاھزادىنىڭ ئىسمى Sheikh Hamdan bin Mohammed bin Rashid Maktoum، دۇبەينىڭ خان ۋارىسى، ھازىرقى خەلىپە Mohammed Bin Rashid Al Maktoum نىڭ چوڭ خانىشتىن بولغان ئىككىنچى ئوغلى. ئۇ قاملاشقان، بوي بەستلىك ھەم پۇلدار بولۇپلا قالماستىن يەنە ئىنتايىن بىلىملىك ۋە تالانتلىق، ئوقۇش تارىخىمۇ يۇقىرى. ۋىليام شاھزادە ۋە ھاررىي شاھزادە بىلەن مەكتەپداش بولۇپ، ئەنگىلىيەدىكى Sandhurst قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپىنى پۈتتۈزگەن.
Hamdan دۇبەينىڭ باشقا خان جەمەتى ئەزالىرىغا ئوخشاش تەنتەربىيە تۈرلىرىگە بەكلا قىزىقىدۇ، ئات ئۈستى ماھارىتى، پۇتبول، پاراشوتتىن سەكرەش قاتارلىق تۈرلەرگە ئىنتايىن ماھىر. 2006-يىلى دوھا ئاسىيا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۇ قېرىنداشلىرى بىلەن كوماندا تەشكىللەپ 120 كىلومېترلىق ئات ئۈستى ماھارىتى تۈرىدە كوللىكتىپ ئالتۇن مىدالغا ئېرىشكەن.
ئۇنىڭ يەنە فوتوگرافلىقتىنمۇ خەۋىرى بار. قاراڭ بۇ سۈرەتلەرگە ئۇنىڭ بۇ قىياپىتىدىنلا ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە خېلى كەسپىي تالانتى بارلىقىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.
بۇ شاھزادە يەنە دائىم Fazza تەخەللۇسى بىلەن شېئىرلارنى ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ، شېئىرلىرىنىڭ مەزمۇنلىرى ئاساسىي جەھەتتىن مۇھەببەت، ۋەتەنپەرۋەرلىك، جەمەتىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى تېما قىلغان.
ساخاۋەت ئىشلىرىغا كەلگەندە، بۇ شاھزادە بۇنداق ئىشلارنىمۇ قولدىن بەرگەن ئەمەس، ھەتتا ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. مەسىلەن ئۇ دائىم باش بولۇپ قان تەقدىم قىلىدۇ شۇنداقلا Ins دا كۆپچىلىكنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئۈچۈن قان تەقدىم قىلىشقا مۇراجىئەت قىلىدۇ.
ئۇ يەنە مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرىگە پۇل ئىئانە قىلىپلا قالماستىن، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە مۇسابىقە ئوينىغان.
شاھزادە كىچىك بالىلارغا تولىمۇ ئامراق، ھەم بەكلا سەۋىرچان. ئىلگىرى بىر مەھەل قىززىق نۇقتىغا ئايلانغان، ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن كىچىك بالا، ئۇنىڭ يېقىن دوستى.
شۇنداق، ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى مانا مۇشۇنداق كۆڭۈللۈك ھەم مول مەزمۇنلۇق، ھەرخىل تەۋەككۈلچىلىكلەرگە تولغان، كىشىنىڭ ھەقىقەتەن زوقىنى كەلتۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ يەنە قانداق قىزىقىشلىرى بار؟
ھەممىمىزگە مەلۇم، ئوتتۇرا شەرقلىقلەر شىر، يولۋاس دېگەندەك ھايۋاناتلارنى ئەرمەك ھايۋان ئورنىدا باقىدۇ، بۇ شاھزادىنىڭمۇ باقىدىغان نۇرغۇن شىرلىرى بار.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved