ئەنگلىيە ‹‹پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 9–سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، دۇنياغا داڭلىق ئالماس شىركىتى Petra Diamonds يېقىندا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يۇھاننىسبۇرگ شەھىرى ئەتراپىدىكى كۇللىنان كېنىدىن 232 كاراتلىق ئالماس بايقىغانلىقى ، بۇنىڭ قىممىتى 10 مىليون فوندستېرلىڭ (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 98 مىليون 810 مىڭ يۈەنگە باراۋەر) غا يېتىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان .
كۇللىنان كېنى ئەزەلدىن غايەت زور ئالماس بايقاش بىلەن دۇنياغا داڭلىق ئىكەن . 1905–يىلى بۇ كاندىن 3106.75 كاراتلىق ئالماس بايقالغان بولۇپ ، بۇ ھازىرغىچىلىك دۇنيادا بايقالغان ئەڭ چوڭ ئالماس ئىكەن ، بۇ ئالماس كېيىن كېسىلىپ ئەنگلىيە پادىشاھىنىڭ تاجىغا ئورنىتىلغان .
يېڭىدىن بايقالغان بۇ ئالماس 2009–يىلىدىن بۇيان بۇ كاندا بايقالغان ئەڭ چوڭ ئاق ئالماس ئىكەن .
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved