ئامېرىكا «خوففىڭتون پوچتا گېزىتى» نىڭ 10-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دېترويىتتا تۇرۇشلۇق 30 ياشلىق بىر ئەر ئۆيىدىكى چۇسىلارنى يوقىتىمەن دەپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن پۈتۈن ياتاق بىناسىغا ئوت تۇتاشتۇرىۋەتكەن. ھەمدە ئۆزىمۇ ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپ يارىلىنىپ، جېنىدىن ئايرىلغىلى تاسلا قالغان.
يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئەر ئۆيىدىكى چۇسىنى يوقىتىش ئۈچۈن، كرىسلو ۋە ئۆزىنىڭ بەدىنىگە ئىسپىرت سەپكەن. بىر ئازدىن كېيىن، ئۇ يەنە تاماكا تۇتاشتۇرۇپ، كرىسلودىكى بىر چۇسىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرمەكچى بولغان. بىراق ئۇ تۇتاشتۇرغان تاماكىنىڭ ئوتى كىرىسلوغا تۇتىشىپ كېتىپ، ئارقىدىنلا ئوت يامراپ كېتىپ، بۇ ئەرمۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتنىڭ ئىچىدە قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئوت بۇ ئەر تۇرۇشلۇق بىنانىڭ 8-قەۋىتىدىكى نۇرغۇنلىغان ئۆيلەرگە تۇتىشىپ، ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. گەرچە بۇ ئەر تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ قۇتۇلۇپ چىققان بولسىمۇ، بىراق پۈتۈن بەدىنى ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپ يارىلىنىپ، شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا جىددىي ئاپىرىلغان.
ئامېرىكىدىكى بىر ھاشارات يوقىتىش دورا شىركىتى چىقارغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، دېتىرويىت ئامېرىكىدىكى چۇسا زىيىنىغا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان شەھەر بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا يەنە فىلادېلفىيە، كلېۋېلاند ۋە لوس-ئانژېلىس قاتارلىق شەھەرلەرمۇ چۇسا زىيىنىغا كۆپ ئۇچرايدىكەن. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، چۇسىنىڭ ئۇلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغىنىغا خېلى ئۇزۇن بولغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved