پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
ئىسپانىيە خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئامىتى قاچقان ھالىتىگە قارىتا يېقىندا خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ بۇرۇنقى رىۋايەت خاراكتېرلىق توپچىسى رائۇل زىيارەتنى قۇبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى، ھەم خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ ناھايىتى تېزلا بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتالايدىغانلقىنى بىلدۈردى.
رائۇل Grupo Durtiz نىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ :« ھەر بىر مۇسابىقە پەسلى 10 ئايغا يېقىن ۋاقىت ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىككى ئاي ئالدىدا خان مادرىد ئۇدا 22 مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن چاغدا كىشىلەر خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ ئىپادىسىگە ھەيران قالغان ئىدى.»
« يېقىندا خان مادرىد كۇلۇبى بىر نەچچە مەيدان مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. ئۇلارغا نىسبەتەن بۇ ئەلۋەتتە قۇۈۇل قىلالمايدىغان ھەقىقەت. بىراق ھەقىقەت شۇكى مەيلى خان مادرىد كۇلۇبىدىكى توپچىلار بولسۇن ياكى خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ مەشقاۋۇللىرى بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي كۈچكە ئىگە. ئۇلارنىڭ كۇلۇبنىڭ ھازىرقى قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتىشىگە ياردەم قىلالايدىغان ئىقتىدارى بار.»
«بۇنداق ۋاقىتتا مەن خان مادرىد كۇلۇبىغا پۈتۈن قوللىشىمنى بىرىمەن. شۇنىسى ئېنىقكى بارلىق خان مادرىد توپچىلىرى يېقىنقى مەغلۇبىيەتلەرنى غەلبىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلىدۇ.»
بېيجىڭ ۋاقتى ئەتە سەھەر سائەت 4:00 خان مادرىد كۇلۇبى لېۋەنت كۇلۇبى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ. ھازىر بارسېلونا كۇلۇبى جان مادرىد كۇلۇبىدىن نومۇر تاختىسىدا 4 نومۇر ئارتۇق. خان مادرىد كۇلۇبى بارسېلونا كۇلۇبىدىن ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى ۋە كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان بارسېلونا كۇلۇبى بىلەن بولغان ئىسپانىيە دۆلەت دېربىسدا چوقۇم بارسېلونا كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلالىشش كېرەك.
خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىدىن يارىلانغان مودرىچ ھازىر مەيدانغا قايتىپ كەلدى. بىراق راموس ۋە جامىس قاتارلىقلارنىڭ قاچان مەيدانغا چىقالىشى تېخى ئېنىق ئەمەس. شۇڭا خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ ئىسپانىيە دېربىسىدا بارسېلونا كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلالىش ئانچە ئاسانغا توختىمايدۇ. ھەممىگە ئېنىقكى بۇ مەيدان « ئەسىر جېڭى » ھەممەيلەن تەقەززا بولۇۋاتقان بىر مەيدان مۇسابىقە. خان مادرىد كۇلۇبى بارسېلونا كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ نومۇر تاختىسىدا ئېشىپ كېتەلەمدۇ ياكى بارسېلونا كۇلۇبى خان مادرىد كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ نومۇر پەرقىنى چوڭايتالامدۇ؟ جاۋابى بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەردە ھەممىگە ئايان بولىدۇ.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved