بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈپ خاتىرىلەش مەخسۇس خىزمىتىنى يېقىندىن باشلاپ قانات يايدۇردى. نومۇر تاختىسى يوق ئاپتوموبىللار، شۇنداقلا نومۇر تاختىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان نومۇر تاختىسىنى ئىشلىتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللار مەۋجۇت دەپ گۇمان قىلىنغان ئاپتوموبىللارنى شۇ تەۋەلىكتىكى قاتناش ساقچى تارماق (چوڭ) ئەترەتلىرى قانۇن بويىچە مەجبۇرىي يۆتكىۋېتىش ئىسپاتى چىقارغاندىن كېيىن، گۇمانلىق ئاپتوموبىللارنى بېكىتىلگەن ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا يۆتكىۋېتىدۇ؛ شارائىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن يۆتكىۋېتىشكە بولمايدىغان ئاپتوموبىللارنى قۇلۇپلاپ، ئاپتوموبىل شوپۇرى ئولتۇرىدىغان تەرەپتىكى ئاپتوموبىل ئەينىكىگە بىر تەرەپ قىلىش ئۇقتۇرۇشى چاپلايدۇ ھەم سۈرەتكە تارتىپ ئىسپات ئېلىۋالىدۇ.
بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى نومۇر تاختىسى بار ئاپتوموبىللارنىڭ ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا سېلىشتۇرۇپ خاتىرىلەپ، ئاپتوموبىل تىپى، سىرتقى كۆرۈنۈشى، رەڭگى، رام نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي سېلىشتۇرىدۇ، ناۋادا گۇمانلىق ئەھۋال بايقالسا گۇمانلىق ئاپتوموبىل قاتارىدا ئاپتوموبىلنى قۇلۇپلىۋېتىدۇ ۋە ئاپتوموبىلنىڭ ئالدىدىكى ئەينىكىگە ئالاقىلىشىش نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى قالدۇرۇپ، ئاپتوموبىل ئىگىسىگە جازانى قوبۇل قىلىشنى ئۇقتۇرىدۇ، ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى تەۋەلىكتىكى قاتناش ساقچى تارماق (چوڭ) ئەترەتلىرى بىر تەرەپ قىلىدۇ.
ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا بۇ خىزمەت قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، 637 مىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تەكشۈرۈپ خاتىرىلەنگەن، 343 گۇمانلىق ئاپتوموبىل بايقالغان ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved