ياخشى ئائىلە باشلىقى بولۇشنى ئويلىمايدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك، لېكىن ياخشى ئائىلە باشلىقى بولۇش ئۇنچىۋالا ئوڭاي ئىش ئەمەس. ئەگەر سىز ياخشى ئائىلە باشلىقى بولۇشنى خالىسىڭىز، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى چوقۇم ھازىرلاڭ.
1. بالىلىرىڭىز مەكتەپتە ئازار يەپ قالسا، قىزىققانلىق قىلماي ئىشنىڭ تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈڭ، ئوقۇتقۇچى ۋە باشقىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، مەسىلىنى چىرايلىق ھەل قىلىڭ.
2. ئائىلىدە يۈز بەرگەن كۈتۈلمىگەن ئىشلار مەكتەپتىكى بالىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، دەرھال تەكشۈرۈڭ، مەكتەپكە بېرىپ قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرماڭ.
3.بالىلىرىڭىز ئالدىدا ئوقۇتقۇچى ۋە باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭ، ئۇلارنى لەقىمى بىلەن چاقىرماڭ، ئوقۇتقۇچىلارغا خالىغانچە چاقچاق قىلماڭ.
4. ئوقۇتقۇچىلار سەۋەنلىك ئۆتكۈزسە ئالدىراپ ئەيىبلىمەڭ، ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلماڭ.
5. بالىڭىز قوشنىڭىزنىڭ بالىسى بىلەن جېدەللىشىپ بولسا، ۋاقتىدا قارشى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تېپىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈڭ، ئەگەر خاتالىق بالىڭىزدا كۆرۈلسە، قارشى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئەپۇ سوراڭ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved