يەمەندە بىر ساقچى ئىنىستوتى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 50ئادەم قازا قىلدى

 

تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.يەمەن بىخەتەرلىك ئەمەلدارى شۇ جاي ۋاقتى 7-يانۋار شۇ كۈنى پايتەخت سانادىكى بىر ساقچى ئىنىستىتوتىنىڭ ئالدى دەرۋازىسىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندىمۇ 150كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ياكى يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

 

شۇ كۈنى سائەت 7 ئەتراپىدا، يەمەن پايتەختى سانادىكى بىر ساقچى ئىنىستىتوتىدا نەچچە يۈز ئوقۇغۇچى ئۆچىرەتتە تۇرۇپ مەكتەپكەكىرىش رەسمىيىتىنى ئۆتەۋاتقاندا، بىر ئاپتوموبىل بومبا مەكتەپنىڭ ئالدى دەرۋازىسىدا پارتلاپ، ئاز دېگەندىمۇ 50 ئادەم قازاقىلىپ، 100 ئادەم يارىلاندى. شۇ جايدىكى خەۋپسىزلىك ئەمەلدارى بۇنى \بازا\ تەشكىلاتى قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمى دېدى. شاھىدلارنىڭ ئېيتىشىچە، بىر ئاپتوموبىل بومبا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېنىدا پارتلىغان. يول تار، ئادەم كۆپ، پارتلاش كۈچى زور بولغاچقا، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار نەق مەيداندا قازا قىلغان.يارىدارلار ئەتراپتىكى ئۈچ دوختۇرخانىغا قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ بېرىلغان. كۆپىنچىلىرىنىڭ يارىسى ئېغىر بولغاچقا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى يەنە كۆپىيىشى مۈمكىن.

 

ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ساقچى ئىنىستىتوتى سانا شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، ئەتراپىدىكى نەچچە يۈز مېتىر دائىرىدە مەركىزى بانكا، مەركىزى بىخەتەرلىك قىسمى، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى، چەتئەل ئەلچىخانىسى قاتارلىق مۇھىم ئورگانلار بار. 2012-يىلى 11-ئىيۇل، بۇ ساقچى ئىنىستىتوتى \بازا\ تەشكىلاتىنىڭئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 21 ئادەم قازا قىلغان ئىدى نۆۋەتتە ھېچقانداق بىر تەشكىلات بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە ئىگە بولمىدى.

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
10-01-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-04-2016
    گۇگىل نۆۋەتتە «Area 120» دەپ بىر بۆلۈم قۇرغان بولۇپ، ئىچكى قىسمىدا خىزمەتچىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىشلىتىدىكەن، شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى Don Harrison ۋە Bradley Horowitz بۇ بۆلۈمنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلى ئىك...
30-04-2016
    « يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى » 4-ئاينىڭ 27-كۈنى تەيۋەن «بىرلەشمە ئاخبارات تورى» خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند خەلقىنىڭ قەنت قوبۇل قىلىش مىقدارى دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغانلىقى سەۋەبىدىن، سېمىزلىك يۈرەك قان تومۇر ...
30-04-2016
     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى تايلاند شاھزادىسى دىپاڭكورن (Dipangkorn Rasmijoti) نىڭ 11 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، شۇ كۈنى ۋەلىئە...
30-04-2016
ئىككى يۈەنلىك قەغەز پۇل ۋېنېسۇئېلالىقلارنىڭ قولىدا يېمەكلىك ئورايدىغان بىر پارچە قەغەزگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ۋېنېسۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلان قىلىشىچە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى خادىملارنى ھەپتىدە ئىككى كۈن ئىشل...
30-04-2016
4-ئاينىڭ 30-كۈنى، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 30-ئاپرېل تېلېگراممىسى : دىپلوماتىيە مىنىستى...
30-04-2016
    شىنخۇا ئاگېنىتلىقى لوس ئانجېلېس 29-ئاپرېل تېلگىراممىسى، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەلباش نامزاتى دونالىد ترامپ 28-ئاپرېل كالفورنىيە شىتاتىنىڭ جەنۇبىدىكى ئورەيىنىج ناھىيىسىدە سايلام رىقابىتى يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. ي...
30-04-2016
    «يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە رەھبەرلىرى يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو ئاممىۋى دىپلوماتىيە جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە ھەمكارلىقى كاتىبات باشقارمىسى2016-يىلى 4...
30-04-2016
شىنخۇا تورى تېز خەۋىرى : چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراق پايتەختى باغداد ئەتراپىدا 30-ئاپرېل ماشىنا بومبا پارتىلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 14 ئادەم قازا قىلىپ، 25 ئادەم يارىلانغان. خەۋەر قىلىنىشى...
30-04-2016
    كورىيە مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كورىيە پرېزىدېنتى پاك گىيۇنھى 29- ئاپرېل چوڭۋادى شەھىرىدە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان ئامېرىكىنىڭ كورىيەدە تۇرۇشلۇق ئارمىيىسى قوماندانى كورتىش. سىكارپارورتىغا ۋەتەنپە...
30-04-2016
    ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 29-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ دېيىشىچە، جۇڭگو ئامېرىكا ستېننىس ناملىق ئاۋىئاماتكا جەڭ توپىنىڭ شىياڭگاڭنى زىيارەت قىلىشىنى رەت قىلغان. ستېننس ناملىق ئاۋىئاماتكا جەڭ توپى يېقى...
Powered by Leglek