27–ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ ، پالەك قاتارلىق يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنىڭ باھاسى سەل ئۆرلىدى ، لېكىن باشقا كۆكتاتلارنىڭ باھاسى ۋە سېتىلىشى ۋاقتىنچە تەسىرگە ئۇچرىمىدى . كۆكتات ساتقۇچىلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە ، كۆكتات باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئاساسلىق بۈگۈن ۋە ئەتە ئىككى كۈن ئىچىدە ئىپادىلىنىدىكەن .
يۇقىرى ، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) دىكى مەلۇم كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنىنىڭ خوجايىنىنىڭ ئېيتىشىچە ، پالەك 4 يۈەن (ھەر كىلوگىرام) دىن 5.9 يۈەن (ھەر كىلوگىرام) غا ئۆرلىگەن بولۇپ ، باشقا كۆكتاتلارنىڭ باھاسىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان .
شەھەرلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىسى (ئاشلىق ئىدارىسى) بازار ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش ۋە تەڭشەش باشقارمسىنىڭ باشلىقى لەن بىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، ھاۋارايى ئۆزگىرىشىنىڭ كۆكتاتقا بولغان تەسىرى ئاساسلىقى قاتناشتا ئىپادىلىنىدىكەن . قاتناش راۋان بولمىسا كۆكتات باھاسى ئۆسىدىكەن ؛ قاتناش راۋان بولسا كۆكتات باھاسى تۆۋەنلەيدىكەن .
شەھەرلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىسى (ئاشلىق ئىدارىسى) ھەر قايسى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازارلىرىنىڭ كۆكتاتلارنى توشۇش مىقدارىنى زورايتىپ ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ، كۆكتاتلارنى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرىدىكى كۆكتات باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتتى . ناۋادا شەھەر ئاھالىلىرى كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرىدا كۆكتات باھاسىنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى بايقىسا ، 12312 گە تېلېفون ئۇرۇپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلسا بولىدۇ.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved