تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 18-ئاۋغۇست، گېرمانىيە ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆھبىتىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرگە قارىتا، تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شۇ كۈنى گېرمانىيەنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى.
تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرى راست بولىدىغان بولسا، گېرمانىيە دائىرىلىرى رەسمىي ۋە كىشنى رازى قىلغۇدەك چۈشەندۈرۈش بېرىشى ھەمدە بۇ خىلدىكى ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك . گېرمانىيەدە چىقىدىغان ئەينەك ھەپتىلىك ژۇرنىلى تور بېكىتىدە 16-ئاۋغۇست، 2009-يىلدىن بۇيان، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت بولغان تۈركىيەنى گېرمانىيەنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ئوبېيكتى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
لەگلەك تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى بىر قىسىم شەرەپسىز تور بەتلەر مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن ئوغىرلىقچە يوتكەۋاتىدۇ ، ئەڭ يېڭى سەرخىل مەزمۇنلارنى لەگلەك تورىنىڭ ئۆزىدىن كۆرۈڭ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved