يەر شارى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
يەر شارى تورى ئۇنۋىرسال خەۋىرى. فىرانسىيە « لې فىگارۇ گېزىتى » نىڭ 1-ئاينىڭ 3-كۈنى فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىدىن ئېرىشكەن خەۋىرىگە قارىغاندا رادىكال تەشكىلات « ئىسلام دۆلىتى» نىڭ « غازات » قىلىش ئۇنسۇرلىرى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى بولغاندا 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىراقنىڭ شىمالىدا تۇتقۇن قىلغان ئونغا يېقىن تۇتقۇننى قۇيۇپ بەرگەن.
ئىراق ئاخبارات مەركىزى ۋە شۇ يەرنىڭ مەسئۇل خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە 1-ئاينىڭ 2-كۈنى « غازات » قىلىش ئۇنسۇرلىرى « ئىسلام دۆلىتى » نىڭ بايرىقىنى كۆيدۈرىۋەتكەن ئادەمنى ئىزدەش جەريانىدا 170 ئادەمنى تۇتقۇن قىلىۋالغان. ئۇنىڭ ئىچىدە 162 تۇتقۇننى قۇيۇپ بەرگەن. بىر نەپەر تۇتقۇن قىلىنغۇچىنىڭ دېيىشىچە ئۇلار ئىراقنىڭ جىلكۇق ئۆلكىسىدە « غازات » قىلىش ئۇنسۇرلىرى تەرىوىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە سوراققا تارتىلغان. بىر كېچە سوراق قىلىشتىن كىيىن سەككىز نەپەر تۇتقۇندىن باشقا ھەممە ئادەمنى قۇيۇپ بەرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە « غازات » قىلىش ئۇنسۇرلىرى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەركىتىنى قانات يايدۇرغان. ھەمدە 6-ئايدا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ كونتروللۇقىنى قولىغا ئېلىۋالغان ئىراق رايۇنىنىڭ قارشىلىقىنى يوقۇتۇشقا ئۇرۇنغان.
ئىگىلىنىشچە 2014-يىلى 9-ئايدا جىلكۇق ئۆلكىسىدە ئاھالىلەر « غازات » قىلىش ئۇنسۇرلىرىنىڭ بىر تۇرار جايى ۋە « ئىسلام دۆلىتى» نىڭ بايرىقىنى كۆيدۈرىۋەتكەندىن كېيىن ، « غازات » قىلىش ئۇنسۇرلىرى 50 ئادەمنى تۇتقۇن قىلىۋالغان ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلەر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن قۇيۇپ بىرىلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved