كورىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى يىن بىنشى ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى پۇمىيو كىشىدا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

     كورىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى يىن بىنشى تۈنۈگۈن زىيارەتكە كەلگەن ياپونىيىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى پۇمىيو كىشىدا بىلەن سىئولدا ياپون ئارمىيىسىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرىشىدا ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى ھەمدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ شۇ كۈنى رەسمىي كېلىشىم ھاسىل قىلمىغان بولمىسىمۇ ، لېكىن سۆھبەتتىن كېيىن مۇخبىرلار بىلەن بىرلىكتە كۆرۈشۈش ئارقىلىق، كونكىرت مەزمۇننى ئىغزاكى ئېلان قىلدى. بىراق كورىيە تاراتقۇلىرى ياپونىيىنىڭ ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار مەسىلىسىدىكى سەممىيىتى كىشىنى گۇمانلاندۇرىدۇ ، دەپ قارىدى.

    پۇمىيو كىشىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەينى ۋاقىتتا ياپونىيە ئارمىيىسى قاتناشقانلىقتىن كۆپلىگەن ئاياللارنىڭ نامى ۋە ئىززەت ھۆرمىتى زىيانغا ئۇچرىدى،بۇنىڭغا قارىتا ياپونىيە ھۆكۈمىتى ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار مەسىلىسىدە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تونۇپ يەتتى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى ئابىشىنزو كابىنتنىڭ باش ۋەزىرى نامى بىلەن ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار مەسىلىسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن سەمىمىي ئەپۇ سورايدۇ ۋە بۇ ئىش توغرىسىدا ئويلىنىدۇ.


      يىن بىنشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى تەرەپ كېڭىشىش ئارقىلىق، كورىيە ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار مەسىلىسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم بېرىش فوندى قۇرىدۇ، ياپونىيە ھۆكۈمىتى مالىيە خامچوتىدىن بۇ فوندىغا بىر مىليارد ياپونىيە يېنى يەنى 8 مىليون 300 ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىدۇ. ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار مەسىلىسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا تەسەللى بېرىش تۈرلىرىنى ھەمكارلىشىپ قانات يايدۇرىدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەگەر ياپونىيە مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئالىدىغان بولسا، كورىيە ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى جەزمىلەشتۈرىدۇ.

   ئىككى تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى دۆلەت خەلقئاردا ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار مەسىلىسىدە بىر بىرىنى ئەيىپلەش ۋە تەنقىتلەشتە ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالىدۇ.


    كورىيە بىرلەشمە ئاگېنىتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار مەسىلىسى كورىيە بىلەن ياپونىيە ئارىسىدىكى قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان تارىختىن قېلىپ قالغان مەسىلە بولۇپ بۇنىڭ بىلەن ھەل قىلىندى. كورىيە تاراتقۇلىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ ياپونىيىنىڭ ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار مەسىلىسىدە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ياپونىيە ئوتتۇرىغا قويغان مەسئۇلىيەت قانۇن جەھەتتىكى مەسئۇلىيەتمۇ ياكى ئەخلاقىي جەھەتتىكى مەسئۇلىيەتمۇ بۇ ئېنىق ئەمەس، ياپونىيىنىڭ سەمىمىيىتى كىشىنى گۇمانلاندۇرىدۇ.

     كورىيىدىكى ئەڭ چوڭ ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيە يېڭى سىياسىي دىموكراتىيە بىرلەشمىسى ئېنىق قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار مەسىلىسىدە قانۇنى مەسئۇلىيەتتىن قاچتى، بۇنى ھەرگىز قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ پارتىيىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىكى ئەڭ چوڭ تالاش تارتىش ياپونىيىنىڭ ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار مەسىلىسىدىكى قانۇنى مەسئۇلىيەتنى ئىتىراپ قىلىش ياكى ئىتىراپ قىلماسلىق، بۇ نۇقتىدىن ئېيىتقاندا سۆھبەتنىڭ نەتىجىسى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ ۋە ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.


    شۇ كۈنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىناسىنىڭ ئالدىدا نامايىشقا قاتناشقىلى كەلگەن كورىيە شەھەر ئاھالىلىرى تەشكىلاتلىرى ئەزالىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. قىسمەن ئامما كورىيە ھۆكۈمىتىنى كورىيە ياپونىيە ھەربىي ئىتتىپاقنى كۈچەيتىپ ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار مەسىلىسىدە كېڭەشمىدى دەپ تەنقىدلىدى. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى پاسسىپ پوزىتسىيىسىنى ئەيىپلىدى. قسىمەن ئامما مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار مەسىلىسىدىن باشقا يەنە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىكى مۇستەملىكە ھۆكۈمىرانلىقى مەزگىلىدە مەجبۇرىي ئەمگەكچى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە سەمىمىي ئەپۇ سورىشى ھەمدە ھەقىقىي ھەل قىلىش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

     كورىيە شەھەر ئاھالىلىرى قەددىنى رۇسلاش ئەترىتى مەسىلىسى تەدبىر بەلگىلەش كېلىشىمى كېڭىشى يازما بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گەرچە ياپونىيە ھۆكۈمىتى ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار مەسىلىسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار قارىتا ئۆتكۈزگەن جىنايىتى، يەنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيەسى ئۆتكۈزگەن تەشكىللىك جىنايەتكە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىدى. بۇ جەمئىيەت مۇنداق دەپ قارىدى: ئورتاق تونۇشتا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەت ئاساسىي گەۋدىسى ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلمىدى. ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزۇ ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئەپۇ سورىشى كېرەك، لېكىن ئەپۇ سوراش شەكلى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى ئارقىلىق بولدى، ئەپۇ سوراش ئوبيېكتىمۇ مۈجمەل.

بۇ يىل 88 ياشقا كىرگەن ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققان ئايال لى رۇڭجۇ شۇ كۈنى مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: كورىيە بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشنى تامامەن قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئالماقچى بولغىنى ئاتالمىش تۆلەم ئەمەس، بەلكى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە بېرىدىغان تۆلىمى.

ياپونىيەلىك ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى ئىشادا مىنېكو مۇنداق دەپ قارىدى: گەرچە ياسۇدا سۆزىدە ياپونىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئورتاق تونۇشنىڭ مەزمۇنى قالايمىقانلاشتۇرۇلغان ھەمدە ئابې شىنزو ھاكىمىيىتىنىڭ تارىخىي مەسىلىلەردىكى ئىزچىل پوزىتسىيەسىدىن پايدىلىنىلغان، بۇنىڭدىن ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي سەمىمىيىتىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.

ياپونىيە كوبې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى كىمىرايى مۇنداق دېدى: ياپونىيە بىلەن كورىيەنىڭ دۆلەت ئىچى جامائەتچىلىكىنىڭ تەسىرى بىلەن ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىدىغان ئەمەلىيلەشمەيدىغانلىقىغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. كورىيە ھۆكۈمىتى شەھەر تەشكىلاتىنى قايىل قىلالامدۇ يوق؟ بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىي بېسىقىشىدا يەنىلا نۇرغۇن مەسىلىلەر بار.

ياپونىيە كۈندىلىك خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق سابىق مۇخبىرى مىراتاينىمۇشىكو مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار مەسىلىسىدە ئابې ھاكىمىيىتى ئەمەلىيەتتە مۇرەسسەلەشمىسە بولمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. لېكىن ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مىلىتارىزم كۈچلىرى ئىغىۋارىگەرچىلىك تۈسىنى ئالغان سۆز قىلىپ، كەچۈرۈم سوراشنى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى، بۇمۇ ياپونىيە كورىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللارنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلىش- ياپونىيە مىللىتارىسلىرىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئاسىيا قاتارلىق رايونلاردىكى دۆلەت خەلقىگە قارىتا ئۆتكۈزگەن ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك جىنايەت قىلمىشى. جۇڭگو ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىغا توغرا قارىشى ۋە بۇنىڭغا تۆۋە قىلىشىنى، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشىنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدى.



خەتكۈچلەر:
29-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek