ھىندىستان بىلەن پاكىستان يېقىندا تالاش تارتىش بولىۋاتقان كەشمىر رايونىدا بىر نەچچە قېتىم توقۇنۇشتى، ھەمدە بىر-بىرىنى «ئاۋال ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى» دەپ ئەيىبلەشتى.
كەشمىر مەسىلىسى ھىندىستان بىلەن پاكىستان مۇناسىۋىتىدىكى ساقايماس يارا، ئىككى دۆلەت بۇ مەسىلە توغرىسىدا توقۇنۇشۇپ كەلدى، ھەمدە ئۇلار ئوتتۇرىسدا كىرىزسنى كونترول قىلىدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزىم يوق. لېكىن تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، يېقىندا يۈز بەرگەن توقۇنۇش بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يەنە تەستە داۋاملىشىدىكەن.
پاكىستان زۇڭلىسىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تاشقى ئىشلار مەسىلھەتچىسى ئەزىز تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بانكىمونغا خەت يېزىپ، ھىندىستاننىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا رايونىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىپ، ئۆلۈم يېتىم پەيدا قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئەزىز مۇنداق دېدى: 1-ئۆكتەبىردىن 10-ئۆكتەبىرگىچە، ھىندىستان چېگرا رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە 42 قېتىم خىلاپلىق قىلدى، ۋەقەدە پاكىستاننىڭ 12 پۇقراسى قازا قىلدى، 52 پۇقراسى ۋە 9 ئەسكىرى يارىلاندى.
ھىندىستان تاراتقۇلىرى خەۋەر بېرىپ، 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ، ھىندىستان بىلەن پاكسىتان كەشمىرنىڭ چېگرا يونىدا ئوق ئېتىشىش باشلىدى. 6-ئۆكتەبىر باشلاپ توقۇنۇش كەسكىنلىشىپ كەتتى، دېدى. ھىندىستان دائىرلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، توقۇنۇشتا ھىندىستان تەرەپتىن 8 ئادەم قازا قىلدى، 90 نەچچە ئەدەم يارىلانغان، 320 مىڭ پۇقرا يۇرتلىرىدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان.
بىر قىسىم تاراتقۇلار، بۇ ھىندىستان بىلەن پاكىستان 2003-يىلى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىنكى ئەڭ ئېغىر ھەربىي توقۇنۇش، دېدى.
پاكىستاننىڭ ئۈچ ئارمىيە ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىدارىسى 9-ئۆكتەبىر، ھىندىستان چېگرا سىزىقى ئەتراپىدا پاكسىتانغا توختىماي ئوق چىقاردى، پاكىستانمۇ بۇنىڭغا مۇۋاپىق قايتۇرما زەربە بەردى، دېدى. پاكىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرى ئاسىف 9-ئۆكتەبىر، پاكىستاننىڭ قوشنىسى ھىندىستان بىلەن قارىشىلىشىق نىيىتى يوق، چېگرا رايونىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېىتىشىنى خالىمايدۇ، پاكىستاننىڭ ھىندىستاننىڭ ھەر قانداق تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرىدىغان ئىقتىدارى بار، دېدى.
بۇ يىل 5-ئايدا، پاكىستان زۇڭلىسى شېرىف تەكلىپكە بىنائەن ھىندىستان زۇڭلىسى مودىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى سەل ياخشىلاندى، ئىككى تەرەپ چېگرا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى، بۇ ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرى باشلانغاندەك قىلاتتى. ئەمما نېمە سەۋبتىن ئۈچۈنكى، ھىندىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە كاتىپى دەرىجىلىك يىغىنىنى توختاتتى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋتى يەنە سوغۇقلاشتى.
يېقىندا يۈز بەرگەن ئۇدا ئېتىشىش ۋەقەسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يەنە خىرس بولدى.
پاكىستان زۇڭلىسى شېرىف 10-ئۆكتەبىر ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيەنىڭ مۇھىم ئەمەلدارلىرىنى يىغىپ دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتى يىغىنى ئېچىپ، يېقىندا يۈز بەرگەن چېگرا توقۇنۇشىنى مەسلىھەتلەشتى. يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پاكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بوي سۇنۇشىنى، چېگرانىڭ تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى، داۋاملىق بىر-بىرىنى ئەيىبلەشنى توختىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېيىلدى.
باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تاللىشى ئەمەس، جىدىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئىككى دۆلەت رەھبەلىرىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. چېگرانىڭ جىددىي ۋەزىيىتى داۋاملىق كۈچەيسە كەشمىر مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەت مۇھىتىنى مۇرەككەپلەشتۈرىۋېتىدۇ، بۇ رايون ھەمكارلىقىنىڭ ئۇزاق نىشانىغا پايدىسىز.
ھىندىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جايىتىل مۇنداق دېدى: ھىندىستان بىلەن پاكىستان مۇناسىۋىتى بەزىدە ياخشى بەزىدە ناچار، كەشمىر ماجراسىدىن ئىبارەت تۈپ ئامىل ھەم ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىشەنچنىڭ كام بولۇشى بۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مۇشۇ ۋەزىيەتنى ساقلايدۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ تىرىشپ، چېگرانىڭ ئەمىنلىكىنى قوغدىشى، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق مۇھىت يارىتىشى كېرەك.
ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ سەپتىن چېكىنگەن گېنىرال مايورى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ھىندىستان بىلەن پاكىستان چېگرا رايونىدا ئېتىشىش قاتارلىق ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ئىشلارغا كۆنۈپ قالدى، ئېتىشىش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. بۇندىن باشقا جەنۇبىي ئاسىيا رايونى ھەمكارلىق ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ھىنىدستان بىلەن پاكىستاننىڭ چېگرا توقۇنۇشى پەسىيىپ قالىدۇ. ھىندىستان بىلەن پاكسىتان مۇناسىۋىتى چوقۇم تەرەققىي قىلىشى كېرەك، ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەكىپلىنى بېرىش مودى ھۆكۈمىتىنىڭ بىردىن-بىر تاللىشى.
ئۆتكەن يىلى پاكىستاننىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ھىدىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى، جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشنى، بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەمىنات ۋە تىنچلىق مۇھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھىندىستان ھۆكۈمىتىمۇ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، توقۇنۇشنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنى خالىمايدۇ، شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى مەيلى قانداق قىيىنچىلىق بولسۇن ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved