ۋاقىت ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى، چۈنكى ۋاقىتىنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ يۈزى قۇرغاقلىشىپ، دائىم سەپكۈن چۈشۈپ، قورۇق پەيدا بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن 30 ياشتىن ئاشقان ئاياللار جەزبىدارلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇنداق ئۈچ خىل يېمەكلىكىنى كۆپ يەپ بېرىشى لازىم؛
1. دانىخورەك بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر. ئىچكى ئاجراتمىنىڭ قالايمىقانلىشىشى دانىخورەك پەيدا قىلىدۇ. تەركبىدە ۋىتامىن B6 مول بولغان يېمەكلىكلەر تېرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى تېزلىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بېلىق قاتارلىق ۋىتامىن B6 مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.
2. داغ، سەپكۈن چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر. ئاياللاردا ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ داغ، سەپكۈن كۆپىيىپ قالىدۇ. شۇڭا ئوكسىدلىنىشقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك، تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان يېمەكلىك، يەنى بۆلجۈرگەن، مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىقلارنى كۆپ يېيىش لازىم.
3. قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر. ئاقسىلنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، تەركىبىدە ۋىتامىنC مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش لازىم.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved