ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇلتۇر دېكابىردا ماقۇللىغان «ئوتتۇرا مەزگىللىك موداپىئە كۈچى تەييارلىق پىلانى» دا، قۇرۇقلۇق قوغدىنىش قىسمىنىڭ يېڭىدىن «دېڭىز، قۇرۇقلۇق ماتورلاشقان پولكى» قۇرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن، ھازىر بۇ قىسىمنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى ئاشكارىلانغان.
بۇ قىسىم «ئارال تالىشىش قىسمى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئارال تالىشىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى زىممىسىگە ئالغان دېڭىز، قۇرۇقلۇق زەربىدار ماتورلاشقان، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلالايدىغان سوقۇش ئاپتوموبىلى قىسمى، ترانسپورت ئاپتوموبىلى قىسمىدىن تەشكىل تاپقانىكەن. بۇ قىسىمنىڭ ئەسكەرلىرى 2000 دىن 3000 غىچە بولۇپ ، 2018-يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved