بۈگۈن ئۈرۈمچىدە مەشرەپ قىزىپ كەتتى

       تەن ساقلىق زور بايلىق بىلىشىڭ كېرەك،مۇھىمدۇر بەك تەن ساقلىقنى قەدىرلىمەك.

ھاياتلىقنىڭ ئاساسىدۇر تەن ساغلاملىق،

ھەر بىر ئىنسان بۇ چىن ھەقنى تونۇشى كېرەك.


       كونىلاردا: «ساغلاملىق بىباھا گۆھەر، ساغلام تەندە ساپ ئەقىل» دېگەن ھېكىمەت بار، ساغلاملىق زور بايلىق، ساغلاملىق بولمىسا، تۇرمۇشتا ھېچقانداق خۇشاللىقتىن، مۇۋەپپەقىيەت ۋە غەلىبىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئورتاق گۈللىنىش ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىش ساغلام ئەقىل، بىجىرىم روھتىن ئايرىلالمايدۇ، ئەلۋەتتە.


     ئاياللار يېرىم دۇنيا. دۇنيادىكى بارچە ئىنساننى كۈر مىڭ جاپا-مۇشەققەتتە يورۇق جاھانغا كۆز ئاچقۇزغان، بىزنى ئادىمىيلىك ئەخلاق-پەزىلەت ئۈگۈتلىرى بىلەن پەرۋىش ئەتكەن دەل بىر قولىدا بۆشۈكنى، يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىۋاتقان ئاياللاردۇر. ئەتراپىمىزنى يورىتىۋاتقان ئىللىق نۇرلار ئۇلارنىڭ چېھىرىدىن تاراۋاتىدۇ. كۈلكىمىز ئۇلارنىڭ قەدەم ئاۋازلىرىدىن ئەندىز ئېلىپ ياڭراۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەجرى ھاياتىمىزنى كۆكلەم گۈللىرىگە پۈركەۋاتىدۇ. بۇ قەدىرلىك ئىنساننىڭ نامىنى خىتاب قىلىپ قۇشلار ناۋا قىلىشماقتا...

ئەنە شۇ دۇنيادىكى بارچە مېھرىبان ئاياللارغا بېغىشلانغان ئىزگۈ تىلەك ۋە ئەل ساغلاملىقىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن شىنجاڭ تەيئەيتەي خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن 2015 – يىل 12 – ئايلىق «تەيئەيتەي مەشرىپى» بۈگۈن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سۈرەتكە ئېلىش زالىدا مۇۋەپپىقىيەتلىك سۈرەتكە ئېلىندى.

بۇ قېتىمقى «تەيئەيتەي مەشرىپى» تەربىيەۋى ئەھمىيىتىنىڭ زورلىقى، نومۇرلىرىنىڭ سەرخىللىقى ھەم ئۆزگىچىلىكى بىلەن، مەشرەپكە قاتناشقان بارچە تاماشىبىننىڭ قەلبىنى لەززىگە سالدى.


      مەشرەپ رەسمىي باشلىنىشتىن ئاۋۋال مۇزىكا سادالىرى ئىچىدە تۆت نەپەر شائىرە خانىم سەھنىگە چىقىپ مۇشائىرە قىلدى.

ئۇلارنىڭ مۇشائىرىسى ئاخىرلاشقان ھامان سەھنىگە چىققان شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى ماھىرە ئابدۇغېنى ئۇلارنىڭ مۇشائىرەسىگە يۇقىرى باھا بەردى ھەم ئاياللار ھەققىدىكى بىر شېئىرنى تاماشىبىنلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى.

قەلەم تۇتۇپ قوللاردا نەزمە يازغان ئايال بىز!

بىغىشلاشنى بۇرچۇم دەپ، بىلىپ كەلگەن ئايال بىز.

بەزەن نادان ئېيتىدۇ ئەقلى چولتا ئايال دەپ،

ئاڭلاپ قويغىن ئەي جاھان يۈرىكى ئويغاق ئايال بىز!


بۈگۈن كەلدى مەشرەپكە شائىرەلەر رەنالار،

مۇشائىرە ئوقۇشتى، قەلەم تۇتقان ئانىلار.

ناۋات سالغان چېيىمدا باردۇر بۈگۈن بىر مەنا،

ساغلام بولسۇن ئەبەدى مېھرىبانلار، دەنالار!

رىياسەتچىنىڭ شېئىرى مەشرەپ ئەھلىنى بۆلەكچىلا ھاياجانغا سالدى.


      ئەل سۆيگەن مىرشاپ ئابدۇكېرەم بىلەن ماھىرە ئابدۇغەنىنىڭ باشلىنىش سۆزىدىن كېيىن، يىگىت بېشى – شىنجاڭ تىببىي ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، داۋالاش ھادىسىلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش ئورگېنىنىڭ تەكلىپلىك مۇتەخەسسىسى، تۇرپان ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى، سابىق دوختۇرخانا باشلىقى مىجىت ئابلىم مەشرەپنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.


      بۇ قېتىمقى مەشرەپكە ئالىم پازىللار، قەلەمنى قورال قىلغان يازغۇچى شائىرلار، ساغلاملىق پەرىشتىلىرى، ھەرساھە خانىم - قىزلىرى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى400 دىن ئارتۇق تەيئەيتەي كوللاگېنلىق پېپتىد مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقانىدى.


      مەشرەپ داۋامىدا ماھىرە ئابدۇغېنى شىنجاڭ تەيئەيتەي خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن شىنجاڭ يېشىل بىيو پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتنىڭ 10 – ئاينىڭ 25 – كۈنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزگەن «دۇنيادىكى تۇنجى قۇملۇق ئالگا ئامبىرىنىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ۋە دۇنيادىكى تۇنجى قۇملۇق ئالگا مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىغا كىرگۈزۈش مۇراسىمى»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم يېشىل قۇملۇق ئالگا تەتقىقات بازىسىدىكى تەتقىقاتچىلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

      «تەيئەيتەي ئائىلىسى» ئەزالىرىنىڭ ئورۇنلىشىدىكى خور «تەيئەيتەي مارشى» تاماشىبىنلارنى بۇ جەڭگىۋار كوللىكتىپقا بولغان قايىللىقىنى ئاشۇردى.


      ئارقىدىنلا داڭلىق ناخشىچى ئىبراھىم  گاڭ ئورۇنلىشىدىكى «ئۇنتۇلماس دېكابىر» تاماشىبىنلارنى رومانتىك ھېسلارغا چۆمدۈرسە؛ ئەل سۆيگەن ناخشىچى ئۆمەرجان ئالىم ئىجراسىدىكى «ئانا» ناملىق ناخشا تاماشىبىنلارنىڭ ئانىغا بولغان مۇھەببىتىنى يەنىمۇ قوزغاپ، ھاياجاندىن كۆزلىرىگە ياش ئەكەلدى.

      ئۇنىڭدىن باشقا، ئەل سۆيگەن ئارتىسلاردىن غالىپ رېھىم، ھوشۇر قارى ... قاتارلىقلارنىڭ شوخ، لىرىك كۈيلىرى تاماشىبىنلارغا ئۆزگىچە زوق ئاتا قىلدى.


     كونىلار: «بالاڭنى مەكتەپكە بەر، بولمىسا مەشرەپكە» دەپ تولىمۇ توغرا ئېيتقان. بۈگۈن سۈرەتكە ئېلىنغان «تەيئەيتەي مەشرىپى» سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرىلىقى، تەربىيەۋى ئەھمىيىتىنىڭ زورلىقى بىلەن، كۆرۈرمەنلەرگە ئۆزگىچە زوق بېغىشلىغۇسى.

ئېسىڭىزدە بولسۇن، قىزىغان بۇ مەشرەپ 12 - ئاينىڭ 5 – كۈنى، يەنى شەنبە كۈنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى 2 – قانىلىدا ئۈرۈمچى ۋاقتى 8 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە كۆرۈرمەنلەر ھوزۇرىغا تۇنجى سۇنۇلىدۇ ھەم ھەر شەنبە كۈنى ئوخشاش ۋاقىتتا تەكرار قويۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، 12 – ئايدا ھەر يەكشەنبە كۈنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 5 – قانالدا 11 -11:30 ئەتراپىدا؛ ھەر دۈشەنبە كۈنى 2 – قانالدا چۈشتىن كېيىن 1:30 دا تەكرار كۆرسىتىلىدۇ.

     ۋاقىتنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماڭ، كۆرمىسىڭىز پۇشايماندا قالىسىز.


     شىنجاڭ تەيئەيتەي خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى خادىملار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ساغلاملىق تىلەيدۇ!

ھەر مەشرەپ كۈيلىرى ئەل روھىنىڭ تۇلپارىدۇر،

تەيئەيتەينىڭ تۆھپىسى تىللاردا داستان-داستانىدۇر.

بۈگۈن بولدى يەنە مەشرەپ قۇچاق ئېچىپ جەۋلان بىلەن.

پېپتىد بىلەن ساغلام بولۇش – ھەممىنىڭ ئارمانىدۇر.



خەتكۈچلەر:
28-11-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-05-2016
5-ئاينىڭ 16-كۈنى، سونام كاپور گانا كىنو بايرىمى قىزىل گىلىمىدە ھەممىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى. بۇ 30 ياشلىق چولپان L'OREAL گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى سۈپىتىدە كىنو بايرىمىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ  Ralph & Russoنىڭ مۇراسىم كىيى...
16-05-2016
15-ماي «جۇڭگو ئارزۇسى . يىپەك يولى مۇھەببىتى» شىنجاڭ رەسساملار يۇرتى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆگەزمىسى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا باشلاندى.   بۇ قېتىملىق ئەسەرلەر جۇڭگوچە رەسىم، ماي بوياق رەسىم، باسما رەسىم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچ...
16-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 15-ماي، فرانسىيەنىڭ ساينت نازايرې، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساياھەت پاراخوتى بولغان «دېڭىزدىكى تىنچلىق» ناملىق پاراخوت كېمە ياساش زاۋۇتىدىن ئايرىلىپ، كېلەر ئايدىكى تۇنجى قېتىملىق سەپىرىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئەنگىلىيەگە...
16-05-2016
T-Bag تۈرمىدىن قېچىش، روبېرت (Robert Lyle Knepper) رول ئالغان تۈرمىدىن قېچىشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئوبراز كىم؟ ئەگەر تاللاش ھوقۇقىنى ئامېرىكا فىلىم مەستانىلىرىگە بەرسەك ئۇلار بەلكىم ئەڭ چوڭ سەلبىي ئوبراز T-Bag نى تاللىشى مۇمكىن...
15-05-2016
ئەنگىلىيە <كۈندىلىك پوچتا گېزىتى> نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىلىق گىلبېرت ئوت ۋە لاۋرا بۇرنىس ئىسىملىك بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئىسمى-جىسمىغا لايىق تېجەشچانلاردىن بولۇپ، بۇ ئىككىسى شىياڭگاڭ، توكيو ۋە باڭكو...
15-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 14-ماي، ئەنگىلىيە لوندون، شۇ جايدىكى كىشىلەر قەدىمىي ۋېلىسىپىتلەرنى مىنىپ، كونىنى ئەسلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
15-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     5-ئاينىڭ 14-كۈنى، چى خەيلىياڭ قىزى چى لىيۇ يى بىلەن بىللە يولغا چىقىشتىن ئاۋۋال سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. 34 ياشلىق چى خەيلىياڭ بىر كىلاسسىك مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇ...
15-05-2016
   قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى ئەڭ چوڭ سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى بولغان مىڭشېڭ خەلقئارالىق مەيدانى بىلەن جۇڭگو كىنوخانا لىنىيەسى، چىلېئېر (ئالاھىدە شاد- خۇرام بالىلار) بالىلار ئاساسى تېمىسىدىكى باغچا رەسمى توختام ئىمزالاپ، جەنۇب...
14-05-2016
NO.10 جەمىس ئەر-ئايال: جەمىسنىڭ بەدىنى ناھايىتى كېلىشكەن، بىراق چىرايى سەل قوپالراق كۆرۈنىدۇ (4.2 نومۇر ). ئايالى ساۋاننا تەنناز ۋە جەلىپكار ئايال (4.6نومۇر). ئومۇمىي نومۇرى 8.8.  NO.9 دانكىن ئەر-ئايال: تىم دانكى...
14-05-2016
بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋەرلەردە، بىز مارۋېلنىڭ يەنە بىر دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانى «قارا قاپلان» نىڭ مارۋېل كىنوچىلىقى سىرلىق يېڭى فىلىمىدىكى باش قەھرىمان بولىدىغانلىقىنى بىلگەن ئىدۇق. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاقىدار يېڭى خەۋەر...
Powered by Leglek