تەيۋەن ھەربىي تەرەپنىڭ يېڭى بىناسى 10 قەۋەت بىنا ئېگىزلىكتە يەر ئاستىدا ، ئاتوم بومبىسىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقىلىنالايدۇ
جۇڭگو خەۋەر تورى 28 – دېكابىر تېلېگراممىسى لەگلەك تورى تەرجىمىسى ، تەيۋەن « بىرلەشمە ئاگېنتلىقى » نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەيۋەننىڭ شىمالىي " مىھىر شەپقەت كازارما " رايونىغا سالغان بىناسىنى 27 –چىسلا ئىشلىتىشكە باشلىغان ، خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشچە ، بۇ يېڭى بىنا يەرنىڭ ئۈستىدىكى قىسىمى سەككىز قەۋەت ، ئاشكارلىغان يەر ئاستى ئىككى قەۋەت ئىكەن . ئەمەلىيەتتە بۇ بىنانىڭ ئاستىنى 35 مېتىر كولىغان ، تەخمىنەن ئون قەۋەتكە بىنا چوڭقۇر كولاپ يەر ئاستىدا قىلىن بىر سوقما توپ شەكىلدە ئاتوم بومبىسىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنالمايدىغان ئىشخانا ھاسىل قىلغان .
ئەينى ۋاقىتتا بۇ يېڭى بىنانى كۆزدىن كەچۈرگەن " قانۇن تۈزۈش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى " شۆلىڭ نىڭ بىلدۈرۈشىچە ، يېڭى گازارما رايونىدا يەر ئاستى مۇستەقىل ھەربىي ئىشلار مەركىزى بار بولۇپ ، يەرئاستىدىكى پارتلاشقا قارشى تۇرىدىغان قوماندانلىق مەركىزى بىلەن خېڭشەن قوماندانلىق ئەڭ يۇقىرى ئاخبارات ئورگىنى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان . يەنە تىك ئۇچار ئايروپىلان قونۇپ ئۇچۇش بوشلۇقى ھازىرلانغان .
لېكىن ھەربىي تەرەپنىڭ سىرتقا ئاشكارىلىشىچە مەمۇرىيەت ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەربىي تەرەپ تەيۋەن رايونىدىكى ھەرقايسى تارقاق ھەربىي رايونلارنى بۇ يەرگە يىغىپ ئورۇنلاشتۇرغان ، لېكىن باش قومانداننىڭ ئىشخانىسىنى بۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرمىغان .
خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، ھەربىي تەرەپنىڭ گازارما رايونى يەر ئاستىىغا دېڭىز ئارمىيە قوماندانى ، ھاۋا ئارمىيە قوماندانى ، خېڭشەنلىڭ قوماندانلىق مەركىزى ، جەڭ قىلىش مەركىزىدىكى كىشىلەر يۆتكىلىپ كېلىدىكەن
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved