يۈز يۇيۇش كىشىلەرگە نىسبەتەن ئادەتتىكى تازىلىق ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيەلىكلەر يۈز يۇيۇش ئۈچۈن باج تۆلەيدىكەن.
2007-يىلى مايدا تۈركىيەنىڭ ئەينى چاغدىكى زۇڭتۇڭى باج قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش نىزامىنى تەستىقلىگەن. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بۇ نىزام بويىچە تۈركىيەلىكلەر يۈز يۇيۇش ئۈچۈن ئۈچ خىل باج تۆلىگەن.
بىرىنچىسى، ‹‹ مۇھىت تازىلىق بېجى›› ئەمەلىيەتتە بۇ باج 1993- يلىدىن باشلاپ يغىلغان. ئەينى چاغدا كىشىلەر بۇنى ‹‹ ئەخلەت بېجى›› دەپ ئاتىۋالغان؛ ئىككىنچىسى ، ‹‹ بۇلغىما سۇ بېجى ›› بولۇپ، سۇنىڭ پۇلىنىڭ %20 نى ئىگىلەيدىكەن؛ ئۈچىنچىسى، ‹‹قوشۇلما باج›› بولۇپ، بۇ سۇ پۇلىنىڭ %18نى ئىگىلەيدىكەن.
دۇنيادا يۈز يۇيۇش بېجىدىنمۇ قىزىقارلىق يەنە بىرخىل باج بولۇپ ، ئۇ بولسىمۇ‹‹ خوتۇن ئېلىش بېجى›› دۇر. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە مۇنداق يېڭى بىر بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولۇپ، چەت ئەللىك قىزلار بىلەن توي قىلغانلار چوقۇم ھۆكۈمەتكە ‹‹ چتەئەللىك كېلىن بېجى›› تۆلەيدىكەن.
ئەسلىدە بۇ يەردىكى يىگىتلەر قىز تەرەپكە نەچچە 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق قىز مېلىتاپشۇرىدىغان بولغاچقا، چەت ئەللىك قىزلارغا ئۆيلىنىشنى خالايدىغان بولۇپ قالغان. ھۆكۈمەت بۇ خىل يۈزلىنىشنى توسۇش ئۈچۈنمانا مۇشۇنداق غەلىتە بەلگىلىمىنى چىقارغانىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved