3-ئاينىڭ 21-كۈنى، 2016-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەمئىيەتتىن ئاشكارا 5571 نەپەر مەمۇر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى، كەسىپلەر جەدۋىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتى (http://www.xjrs.gov.cn) دە ئېلان قىلىندى. 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 8:30 دىن باشلاپ بارلىق كەسىپلەردە تىزىملاش باشلىنىپ، 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 16:30 دە تىزىملاش ئاخىرلىشىدىكەن. ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى 8:30 دىن 3-ئاينىڭ 31-كۈنى 14:30 غىچە ئىكەن. 4-ئاينىڭ 23-كۈنى «مەمۇرىي كەسىپ ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش»، «دەلىللەپ چۈشەندۈرۈش» تىن يېزىقچە ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن؛ 4-ئاينىڭ 24-كۈنى «خەنزۇ تىلى ئاساسى بىلىملىرى»، «جامائەت خەۋپسىزلىك ئاساسى بىلىملىرى» يېزىقچە ئىمتىھانى ئېلىنىدىكەن. يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن. سالاھىيەت تەكشۈرۈشى، يۈزتۇرانە ئىمتىھان ۋە بەدەن ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈپ باھالاش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، كۆزىتىش قاتارلىق كېيىنكى خىزمەتلەر 6-ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.