يەر شارى تورىنىڭ 23-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمىسى:
فرانسىيە خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسىنىڭ 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لىۋىيە قولىنى سۇنۇپ، تۇنىسنىڭ مالىمان ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشكە تەييارلىنىۋاتقان پەيتتە، تۇنىس ھۆكۈمىتى شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، 2015-يىلى بىر قاتار تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئېلان قىلغان مەملىكەتلىك جىددىي ھالەتنى يەنە 3 ئاي ئۇزارتقانلىقىنى جاكارلىغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۇنىس پرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىرىنى ئالغاندىن كېيىن، تۇنىس پرېزىدېنتى 3-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ مەملىكەتلىك جىددىي ھالەتنى 3 ئاي ئۇزارتىشنى قارار قىلغان.
جىددىي ھالەت 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بۇ تۇنىسنىڭ ئۈچىنچى قېتىم جىددىي ھالەتنى ئۇزارتىشى ھېسابلىنىدۇ. 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇنىس پېزىدېنت مىللىي قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ ماشىنىسى پايتەخت تۇنىس شەھەر مەركىزىدە تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 12 ئادەم ئۆلگەن ئىدى.
تۇنىس ئېلان قىلغان جىددىي ھالەت پەرمانىدا ئىش تاشلاش ھەمدە «مالىمانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان» يىغىلىش پائالىيەتلىرى چەكلەنگەن، تىياتىرخانا ۋە مەيخانىلارنى ۋاقىتلىق تاقىغان ھەمدە مېدىيە ۋە نەشرىيات بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈشكە بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ كاپالەتلىك قىلغان. بۇ جىددىي ھالەت پەرمانى ئىنسانىي ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved