15-دېكابىر ئۈرۈمچىدە تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃18.4-قا چۈشۈپ، قىش كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا كۆرۈلدى. مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىدا ئېيتىلىشىچە، 15-دېكابىر شەھەر رايونىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃18.4-بولغان.
ئىگىلىنشىچە، ئادەتتىكى ئەھۋالدا، تۆۋەن قاتلامدىكى ئاتموسفېرادا، تېمپېراتۇرا ئېگىزلىكنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدىكەن. ئەمما بەزى ۋاقىتتا مەلۇم قاتلامدا ئەكسىچە ئەھۋال كۆرۈلۈپ، تېمپېراتۇرا ئېگىزلىكنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئۆرلەيدىكەن. بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە تەتۈر تېمېپراتۇرا دەپ ئاتىلىدىكەن. تەتۈر تېمپېراتۇرا كۆرۈلگەن ئاتموسفېرا قاتلىمى تەتۈر تېمپېراتۇرا قاتلىمى دەپ ئاتىلىدىكەن. قىش پەسلىدە ئۈرۈمچى ئاسمىنىدا دائىم تەتۈر تېمپېراتۇرا قاتلىمى پەيدا بولىدىكەن، تەتۈر تېمپېراتۇرا قاتلىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايون ۋە ئاتموسفېرا تۇراقلىق ھالەتكە يۈزلىنىپ كونۋېكسىيە ھادىسىسى ئاسان يۈز بەرمەيدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 17-دېكابىرىدىن 18-دېكابىرغىچە، ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بەزىدە تۇمانلىق بولۇپ تېمپېراتۇرا ئازراق تۆۋەنلەيدىكەن. كەلگۈسى ئىككى كۈندىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃17-ئەتراپىدا بولىدىكەن.(تامام)
![]() |
يېقىندا شوتلاندىيىنىڭ سىتىرلىڭ شەھىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر مال سېتىۋىلىشقا بېرىش يولىدا تۈكلۈك قۇرتلار توقۇۋالغان غايەت زور تورنى ئۇچراتقان بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈش ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھەم ھەيران ...
|
![]() |
5-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، سەنشى ئۆلكىسىدىكى يەنچاڭ نېفىتلىكى زىچاڭ نېفىت بۇرغىلاش زاۋۇتى مائەنشەن نېفىت توپلاش پونكىتىدا خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، زور مىقداردا ئېقىپ چىققان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved