يەر شارى تورىنىڭ 23-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمىسى:
فرانسىيە «نۇقتىئىنەزەر گېزىتى»نىڭ 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلى شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاشكارىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىكىدىكى كۆپ دۆلەت ھەربىي ئىتتىپاقى يەمەن ئەل-قائىد تەشكىلاتىنىڭ بىر مەشىق لاگىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ نەچچە ئون ئادىمىنى تالاپەتكە ئۇچراتقان.
ئەل-قائىد تەشكىلاتىنىڭ مەشىق بازىسى يەمەن خادراماۋت ئۆلكىسى مۇقالا شەھىرىنىڭ غەربىگە جايلاشقان. ئەل-قائىد تەشكىلاتى 2015-يىلدىن باشلاپ مەزكۇر رايوننى كونترول قىلغان. يەرلىك خادىم فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، ئەل-قائىد تەشكىلاتىنىڭ مەشىق گازارمىسى بىر قاتار ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، يارىدار بولغان ئۇنسۇرلار مۇقالا شەھەرلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. يەرلىك بىر قىسىم ئاممىنىڭ دېيىشىچە، ئەل-قائىد تەشكىلاتىنىڭ ئون نەچچە ئەزاسى دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ يارىدارلارغا قان تەقدىم قىلغان.
ئەرەب ئىتتىپاقى 2015-يىلىدىن باشلاپ يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسۈيۈن قوراللىق تەشكىلاتىغا قارشى تۇرۇشىنى قوللاشقا باشلىدى.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved