ئۇدا بىر ھەپتىدىن بۇيان، ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئىللىق بولغاچقا، كىشىلەر كەچ كۈز پەسلىنى ئۇنتۇغاندەك بولدى. 21-ئۆكتەبىر كۈندۈزدە، ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا℃24.8 قا چىقتى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەننىڭ ئېيتىشىچە، ئۈرۈمچىدە 10-ئايدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ ℃24 قا چىقىشى ئەجەپلىنەرلىك بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ خىل ھاۋا ئۇزۇن داۋاملاشمايدىكەن. 22-ئۆكتەبىردىن باشلاپ يۇقىرى تېمپېراتۇرا℃20 دىن ئاشمايدىكەن.
ۋاڭ جيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كەلگۈسى ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە ھاۋارايىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان كۆرۈنەرلىك سەۋەب بولمىغاچقا، ئۈرۈمچىدە يەنىلا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا يىللاردىكىدىن سەل يۇقىرى بولىدىكەن.
پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدىن قارىغاندا، 21-ئۆكتەبىر كېچىدىن 22-ئۆكتەبىر كۈندۈزگىچە، ئىلى دەريا ۋادىسى، بورتالا، تارباغاتاي، ئالتاي، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلاردا يامغۇر ئارىلاش قار ياكى قار ياغىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇراھال قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا℃5 ~℃3 قىچە چۈشىدىكەن. كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدىكەن.
![]() |
يېقىندا شوتلاندىيىنىڭ سىتىرلىڭ شەھىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر مال سېتىۋىلىشقا بېرىش يولىدا تۈكلۈك قۇرتلار توقۇۋالغان غايەت زور تورنى ئۇچراتقان بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈش ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھەم ھەيران ...
|
![]() |
5-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، سەنشى ئۆلكىسىدىكى يەنچاڭ نېفىتلىكى زىچاڭ نېفىت بۇرغىلاش زاۋۇتى مائەنشەن نېفىت توپلاش پونكىتىدا خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، زور مىقداردا ئېقىپ چىققان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved