گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن ئىسپانىيە باش ۋەزىرى راجوي 24-ئاۋغۇست، ئىسپانىيەنىڭ سانتىياگو شەھىرىدە خىرىستىيان دىنىنىڭ مۇقەددەس جايىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى
24-ئاۋغۇست، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل ئىسپانىيەدە زىيارەتتە بولدى.شۇ كۈنى، راجوي مېركىلنى بىرلىكتە ئىسپانىيەنىڭ سانتىياگوغا جايلاشقان مۇقەددەس جاي ـــ ‹‹ھەج تاۋاپ يولى››نىڭ ئاخىرقى بۆلىكىنى پىيادە ئايلىنىشقا ھەمدە ئاخىرقى نۇقتىدىكى كومپوستېلا چېركاۋىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. كومپوستېلا چېركاۋى خىرىستىيان دىنىنىڭ مۇقەددەس جايلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، رىۋايەت قىلىنىشىچە دىن تارقاتقۇچى سانتىياگونىڭ جەسىتى مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، زىيارەت مەزگىلىدە مېركىل ئىسپانىيە باش ۋەزىرى راجوي بىلەن ئىككى كۈنلۈك خىزمەت يىغىنى ئاچىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved