بىر مەزگىلدىن بۇيان، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھازىرقى خەلقئارا تەرتىپكە بولغان دىققىتى بارغانسېرى كۈچەيدى. غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك ئورنىدىكى خەلقئارا جامائەت پىكرى مەيدانىدا، «ھازىر قەد كۆتۈرۈۋاتقان يېڭىدىن گۈللەنگەن چوڭ دۆلەت» دەپ تەسۋىرلەنگەن جۇڭگو بولسا ھەمىشە تىغ ئۇچىغا ئايلىنىپ قالغاندەك تۇرىدۇ، كىشىلەرنى خۇددى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيانى ئەندىشىگە سېلىپ قويغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ.
ئۇلار ھەمىشە قارا نىيىتى ئايان بولۇۋاتقان ياپونىيە ئابى شېنزو ھاكىمىيىتىگە بىلىپ-بىلمەي سەل قاراۋاتىدۇ، بارمايدىغان يېرى ئامېرىكا دېگەن خوجائاكىسىغا دىققەت قىلىشنى تېخىمۇ خالىمايدىغاندەك قىلىدۇ.
ئۇكرائىنادا، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن خەلق قوراللىقلىرىنىڭ توقۇنۇشى يەنىلا داۋاملاشماقتا. زۇڭتۇڭ پېتىر پوروشېنكو 5-ئىيۇل مۇنداق دېدى: بىر كېچە شىددەتلىك جەڭ قىلىش ئارقىلىق، ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى خەلق قوراللىقلىرى ئۈچ ئايغا يېقىن ئىگىلىۋالغان
شەرقتىكى سىلاۋىيانسىك شەھىرىنى ئىشغال قىلدى ھەم ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت بايرىقىنى چىقاردى. سىلاۋىيانسىك ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلىغان دۇنىتسىك ئوبلاستىغا جايلاشقان. بۇ يەر بۇندىن بۇرۇن خەلق قوراللىقلىرىنىڭ باش ئىشتابى قىلىنغان ئىدى.
ئىراقتا، ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى قوراللىقلىرى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى نۇرغۇن شەھەر-بازارلارنى تىزگىنلىدى ھەم موسۇل شەھىرىدە ئۆزىنىڭ كونترول رايونىدىكى ئاھالىلەرگە ئىسلام دۆلىتىنىڭ رەسمىي پاسپورتىنى تارقىتىشقا باشلىدى. 4-ئىيۇل ئىسلام دۆلىتىنىڭ كاتتىبېشى باغدادى تۇنجى قېتىم ئاشكارا كۆرۈندى. ئىسلام دۆلىتىنىڭ خەلىپىسى دەپ ئاتىۋالغان بۇ ئەر كىشى شۇ كۈنى موسۇلدىكى مەسچىتتە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
جۇڭگونىڭ ئەتراپىدا بولسا ۋېيتنام گائاگا كېسىم سوتى بىلەن جىددىي ئالاقە باغلاپ، بېلىقچى كېمىسىنىڭ جۇڭگو تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنىش ۋەقەسىنى جېنىنىڭ بارىچە كۆپتۈرمەكتە. ياپونىيەدىكى ئابى شېنزو ھاكىمىيىتى بىر ئېتىراز باياناتىدا، ھەربىي چوڭ دۆلەتكە قايتا ئايلىنىش سىياسىي مۇساپىسىگە قاراپ ھالقىلىق بىر قەدەم تاشلاپ، ياپونىيە قوغدىنىش قىسمىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشىغا يول ئاچتۇق دېدى.
دۇنيا ھەقىقەتەن قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قالدىمۇ؟ «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مەخسۇس يازغۇچىسى جىدئان راخمان يېقىندىكى «يەر شارى تەرتىپكە چۈشۈشى خىرىسقا ئۇچراۋاتامدۇ-قانداق» دېگەن ماقالىسىدا، بۇ رايونلارنىڭ كىرىزىسىدىن بىر ئورتاق يول تېپىش ئۈستىدە ئىزدەندى. خۇددى راخمان كۆرسەتكەندەك، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئالاھىدىلىكى روشەن بولۇپ، يەر شارىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى ۋە مۇھىم ھالقا بولغان ئامېرىكىنىڭ تەۋرىتىشكە بولمايدىغان زومىگەرلىك ئورنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئۆزىنىڭ «ئاتامان»، «ئىنسانىيەتنىڭ چىرىغى» ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغان ئامېرىكا بالدۇرلا بۇنداق ئورۇنغا ئادەتلىنىپ قالغاندەك تۇرىدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ ئۆزىنىڭ تەڭرى قولىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە سوزدى. راخمان ماقالىسىدا تىلغان ئالغاندەك ئۇكرائىنا، ئىراق ۋە جۇڭگونىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز ساھىلى ۋەزىيىتىنىڭ ھەممە يېرىدە ئامېرىكىنىڭ سايىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە، بەزى تەھلىلچىلەر ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ قالايمىقان ۋەزىيىتىدىن پايدىلانغاندەك تۇرىدۇ دېگەن گۇمان بار دەپ ئېنىق كۆرسەتتى. ئىشقىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى توقۇنۇشىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ رۇسىيەنى تىزگىنلەش رولى بارغانسېرى روشەن بولماقتا شۇنداقلا غەربنى رۇسىيەگە بولغان جازانى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە مەجبۇرلىماقتا. خۇددى پۇتىن ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندەك، غەربنىڭ ئۇكرائىنادا قارشىلىشىش پەيدا قىلىشى-رۇسىيەنى چەكلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەگەر غەرب يەنىلا رۇسىيەنى يەنىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇشنى ئويلىسا، ئۇكرائىنانىڭ قالايمىقان ۋەزىيىتىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بار.
ئىراقتا، ئامېرىكا بىر قوللۇق يۆلەپ تۇرغان مالىك ھاكىمىيىتى قىل ئۈستىدە تۇرماقتا. ياكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلارنىڭ قولى بىلەن مالىك ھۆكۈمىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش بولسۇن، ياكى قالايمىقان ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، مالىك ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ گەپ ئاڭلايدىغان قىلىش بولسۇن، ئامېرىكا نۆۋەتتىكى بۇ خىل ئوڭشاي دېسىمۇ ئوڭشىيالمايدىغان بۇ ۋەزىيەتنى قانداق داۋاملاشتۇرۇشقا تېخى قارار چىقىرالمايدىغاندەك قىلىدۇ.
ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا، ئامېرىكا قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش چۇقانىنى ھەيۋەت بىلەن كۆتۈرۈپ، ياپونىيە، فىلىپپىن قاتارلىق كىچىك شېرىكلىرىنى ھەدەپ دەيدەيگە سېلىپ، توختىماستىن ئىغۋاگەرچىلىك قىلماقتا. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى شۇكى، ياپونىيەنىڭ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىشى مىلىتارىزمنىڭ يىرگىنچلىك قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ بەردى.
راخمانغا ئوخشاش غەربنىڭ نۇرغۇن ئالىملىرى ۋە تاراتقۇ ئەربابلىرى ئەخلاق نۇقتىسىدىن تۇرۇپ ئاھ ئۇرۇپ، نۆۋەتتىكى سىياسىي تەرەققىيات-غەربنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ئويۇنىنى ئىككى تەرەپ غەلىبە قىلىدىغان تەرەپكە باشلاش تېرىشچانلىقىنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى ئېنىق ئىسپاتلىدى دېدى. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ تۈرلۈك رايون توقۇنۇشلىرىغا سوزغان قولى بىلەن ئەسلا كارى بولماستىن، ئەكسىچە ھەيۋە قىلىپ، تىغ ئۇچىنى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگوغا قاراتتى.
دۇنيا ھەقىقەتەن ئۆزگىرىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ يەر شارى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن بۇيان، ئامېرىكا نۇرغۇن تەرەپلەردىن زەربىگە ئۇچرىدى. يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئوباما ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە ساھەسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك گۇماننى قوزغىدى. پىيو تەتقىقات مەركىزى ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان بىر تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ دەپ قارايدىغان ئامېرىكىلىقلار بارغانسېرى ئازايغان. 2011-يىلى %38 ئامېرىكىلىق ئامېرىكا-دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ قارىغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە بۇ نىسبەت %28 كە چۈشۈپ قالغان.
بىراق، تەتقىقاتتىن يەنە مۇنۇلار بايقالدى: يەنىلا نۇرغۇن كىشى، يەنى %58 ئامېرىكىلىق ئامېرىكا ئەڭ ئۇلۇغ دۆلەتلەرنىڭ بىر دەپ قارايدىكەن. ئەمەلىيەتتە، بۈگۈنكى دۇنيادا، ئامېرىكا يەنىلا بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت، ئۇنىڭ زومىگەرلىك ئورنىغا ۋاقتىنچە ھېچكىم زەربە بېرەلمەيدۇ. خۇددى تەھلىللەردە قايتا-قايتا كۆرسىتىلگەندەك، جۇغراپىيەلىك ئورنىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا بىردىنبىر باشقا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ قالمايدىغان چوڭ دۆلەت؛ ھەربىي ئىتتىپاقداشلىقتىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ 60 نەچچە دۆلەت بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بار؛ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ نىسبىي ئەۋزەللىكى سەل ئاجىزلىشىشىمۇ مۇمكىن، لېكىن مۇتلەق ئەمەلىي كۈچىگە يەنىلا سەل قارىغىلى بولمايدۇ.
ئامېرىكا دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى ۋە نىسبىي ئەمەلىي كۈچى تۆۋەنلەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقىنى سەزگۈرلۈك بىلەن ھېس قىلغانلىقتىن، پۈتۈن دىققىتى ئېھتىيات ھالىتىگە كىرىشى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ زومىگەرلىك ئورنىنى قوغداش جەريانىدا، ئۇرۇش مەيدانى، جامائەت پىكرى قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردە توختىماي ھۇجۇمغا ئۆتۈشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، زادى كىم دۇنياغا قالايمىقانچىلىق ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ؟ بۇ ئەلۋەتتە ھەممەيلەنگە چۈشىنىشلىك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved