ئامېرىكا 2014-يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر 30 پارچە سۈرەتنى باھالاپ چىقتى
31-12-2014
0
3543
يازغۇچى: لەگلەكچى
thumb

‹‹ نيۇيورك كۈندىلىك خەۋەرلەر ›› تور بېكىتىنىڭ 26-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، يېقىندا ئامېرىكا ‹‹ نيۇيورك كۈندىلىك خەۋەرلەر ›› تور بېكىتى بۇ يىلقى ئەڭ مۇنەۋۋەر 30 پارچە سۈرەتنى باھالىغان بولۇپ ، ھەر بىر پارچە سۈرەتتە ئۇنتۇلغۇسىز ھېكايىلەر ئەكس ئەتكەن .

2014-يىلى 19-ئاۋغۇست فېرگوسوندا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ ، ساقچىلار نامايىشچى ئاممىغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى .

2014-يىلى 12-مارت نيۇيوركنىڭ مانخاتتون رايونىنىڭ شەرقىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىدا پارتلاش يۈز بېرىپ ، ئىككى يۈرۈش بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ سەككىز ئادەم قازا قىلىپ ، 70 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى .

2014-يىلى 20-دېكابىر نيۇيوركتا 40 ياشلىق ساقچى ئەمەلدارى راموس ۋە ئۇنىڭ يېڭى توي قىلغىلىنىغا ئەمدىلا ئىككى ئاي بولغان خىزمەتدىشى ليۇ ۋېنجيەن ئۆلتۈرۈلدى .

ئامېرىكا كەسپىي كالتەك توپ بىرلەشمىسىنىڭ ماھىرى دېرېك ساندىرىسون ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشتى .

 

نيۇيورك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ لېيتېنانتى ئوت ئاپىتىدە بەختكە قارشى قازا قىلدى ، خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق قايغۇردى .

2014-يىلى 12-مارت نيۇيوركنىڭ مانخاتتان رايونىنىڭ شەرقىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىدا پارتلاش يۈز بەردى ، بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان بىر ئاھالە بالىسىنى كۆتۈرگىنىچە ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندىن ئايرىلدى .



2014-يىلى 12-ئاۋغۇست نيۇيوركنىڭ مانخاتتاندا بىر ئەر خانىشلار رايونىدىكى كۆۋرۈكتىن سەكرىمەكچى بولغاندا ساقچىلار ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ توسۇۋالدى .

2014-يىلى 9-دېكابىر ئەنگىلىيە خان جەمەتىدىن شاھزادە ۋىليام ۋە كەيت خانىش ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغاندا ‹‹ 11-سېنتەبىر ›› دۆلەت خاتىرە مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەمدە گۈل تەقدىم قىلدى .

2014-يىلى 29-ئۆكتەبىر نيۇيورك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئەمەلدارى دوختۇرخانىدىن چىقتى . ئىگىلىنىشىچە ، ‹‹ ئىسلام رادىكال تەشكىلاتى ›› نىڭ بىر ئەزاسى قولىغا پالتا ئېلىپ نيۇريوكتىكى بىر ساقچى ئىدارىسىغا ھۇجۇم قىلغاندا ، بۇ ئەمەلدارنىڭ بېشى ۋە ئوڭ بىلىكى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان .



2014-يىلى 23-نويابىر ئامېرىكا ‹‹ نيۇيورك پالۋىنى ›› زەيتۇن توپ كوماندىسىنىڭ ماھىرى ئودېل بېكخا ‹‹ داللاس›› پادىچىلار زەيتون توپ كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ، بىر قولى بىلەن توپ ئېلىپ نومۇرغا ئېرىشكەن .



2014-يىلى 12-مارت نيۇيوركنىڭ مانخاتتان رايونىنىڭ شەرقىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىدا پارتلاش يۈز بەردى ، ساقچىلار خارابىلىكتىن ھاياتلىق ئىزدىمەكتە .



2014-يىلى 10-ئۆكتەبىر توڭلاتقۇدىكى باستېر Al Sharptonنىڭ ئوزۇقلۇقى . مۇخبىر باستېرAlSharptonغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ كۈندىلىك يېمەكلىكلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ ، ئۇنىڭ قانداق قىلىپ 300 قاداقتىن ( تەخمىنەن 136 كىلوگىرام ) 129 قاداق ( تەخمىنەن 58 كىلوگىرام ) قا چۈشكەنلىكنى چۈشەندى . مۇخبىر ئۇنىڭ توڭلاتقۇسىنى ئېچىپ ئىچىدە پەقەت بىر تال سۇيۇق ئىچىملىكلا بارلىقىنى ، گۆش ۋە تاتلىق -تۈرۈم تۈرىدىكىلەرنىڭ يوقلىقىنى بايقىدى .

2014-يىلى 24-نويابىر ئامېرىكىنىڭ مانخاتتاندىكى بىرلەشمە مەيداندا كىشىلەر قارا تەنلىك ياشنى ئېتىپ ئۆلتۇرگەن ئاق تەنلىك ساقچىنىڭ ئەيىبلەنمىگەنلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى .

2014-يىلى 8-سېنتەبىر ئامېرىكىنىڭ تېننىس توپ ئاشكارا مۇسابىقىسى ئەرلەر يەككە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدا كرودىيەلىك تېننىس توپ ماھىرى مالىن 3:0 نەتىجە بىلەن ياپونىيە ماھىرىنى يېڭىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن .

2014-يىلى 12-مارت نيۇيوركنىڭ مانخاتتان رايونىنىڭ شەرقىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىدا پارتلاش يۈز بەردى ، تولۇق قوراللانغان بىر نەچچە ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى كىرىش ئېغىزى ئىزدىمەكتە .


2014-يىلى 8-دېكابىر كىشىلەر ئامېرىكا نيۇيورك پوچتا باش ئىدارىسى ئالدىغا يىغلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈپ ، ‹‹ گال بوغۇش دېلوسى ›› غا ئېتىراز بىلدۈردى .



2014-يىلى 23-مارت كالىفورنىيەدىكى ئات فېرمىسىغا كىرىۋالغان بىر خالتىلىق چاشقان خۇددى ئاتلار بىلەن مۇسابىقىلىشىۋاتقاندەك قىلاتتى .

 

2014- يىلى 8-دېكابىر نيۇيوركنىڭ برۇكلىن رايونىدا ، بىر باخشى ئامېرىكىنىڭ مەركىزىي بېكىتىدىكى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بايرىقى ئاستىدا ئوڭ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ‹‹ گال بوغۇش دېلوسى ›› غا قارشى تۇرماقتا .



2014-يىلى 28-نويابىر بىر جۈپ ياش نيۇيورك كيان كوچىسىدىكى مېترو بېكىتىدە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى . ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، بۇ مېترو بېكىتى ئۇلار ئۇچراشقان جاي ئىكەن ، شۇڭا بۇ جاي ئۇلارغا نىسبەتەن خاتىرىلەش ئەھمىيىتىگە ئىگە ئىكەن.



2014-يىلى 7-ئىيۇل داڭلىق ناخشىچى ، ئارتىس مادوننا مانخاتتاندىكى يۇقىرى سوت مەھكىمىسىدە خالىس زاسېداتېل بولدى ، ئۇ سوت مەھكىمىسىدىن ئايرىلغىنىدا ئەتراپتىكى كىشىلەر ئۇنى سۈرەتكە تارتىۋالدى .


2014-يىلى 12-ئۆكتەبىر زەيتون توپ چولپىنى VictorCruz ئامېرىكا ‹‹ نيۇيورك پالۋىنى ›› زەيتون توپ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە يارىلاندى .



2014-يىلى 22-ئاۋغۇست ئامېرىكىدا ‹‹ فېرگوسون قالايمىقانچىلىقى ›› يۈز بەردى ، مىسسۇرى ئىشتاتى تاشيول چارلاش ئەترىتىنىڭ باشلىقى رونالد جونسون نامايىشچىلارنىڭ كەيپىياتىنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن ، ياش ئاققۇزۇش بومبا قويۇپ بېرىشنىڭ ئورنىغا نامايىشچىلارنى قۇچاقلىدى ۋە سۆيدى.



2014-يىلى 27-فېۋرال مىئامى ۋاسكىبول كوماندىسىنىڭ كىچىك ھۇجۇمچىسى لېبرون جامسنىڭ بۇرنى يارىلانغاندىن كېيىن ، يۈزىگە قارا رەڭلىك نىقاب تاقىۋېلىپ مۇسابىقىگە قاتناشتى .



2014-يىلى 11-ئىيۇن يارىلانغان بىر ساقچى ئاغرىق ئازابىدا قىينالماقتا ئىدى ، ئىگىلىنىشىچە ، ئۇ قولىغا پالتا كۆتۈرۈۋالغان ھۇجۇمچى تەرىپىدىن يارىلاندۇرۇلغان .



2014-يىلى 24-ئاۋغۇست ، باستېر Al Sharpton مىسسۇرى ئىشتاتىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قارا تەنلىك ياش مايكىل بۇراندنىڭ ئاتا - ئانىسى بىلەن بىرلىكتە ساينت لوۋۈس ئورمان باغچىسىدا قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ نامايىش قىلماقتا .



2014-يىلى 1-سېنتەبىر بىر بوۋاي ئامېرىكا تېننېس توپ ئاشكارا مۇسابىقە مەيدانىدا ھوشىدىن كېتىپ يىقىلىپ قالدى ( سولدا ) ، يەنە بىر جۈپ ئەر-ئايال بولسا چىڭ قۇچاقلىشىپ تەنتەنە قىلىشتى ( ئوڭدا ) ، يېقىنلا يەردە يۈز بەرگەن بۇ ئىككى مەنزىرە ناھايىتى ئېنىق سېلىشتۇرما قىلىنغان .



2014-يىلى 4-نويابىر نيۇيورك ئىشتاتىنىڭ باشلىقى كومو سايلامدا بېلەت تاشلىۋاتقاندا ، ئۇنىڭ قىز دوستى بىر قولىنى ئۇنىڭ ساغرىسىغا قويۇۋالدى .


 


خەتكۈچلەر:
31-12-2014
0
3543
يازغۇچى: لەگلەكچى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2015
0
157
thumb
تومۇز ئىسسىقتا يېڭى دېھلىدا يوللارمۇ ئېرىپ كەتتى شىنخۇا تورى بومباي 27- ماي تېلېگراممىسى : ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا 26- مايغىچە، ھىندىستاننىڭ قىسمەن رايونلىرىدا كۆرۈلگەن تومۇز ئىسسىقتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 1100دىن ئېشىپ...
26-05-2015
0
153
thumb
شىنخۇا تورى، بومباي، 25-ماي تېلېگراممىسى: ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ 25-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاندا بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئۇدا رېكورت يېڭىلاۋاتقان يۇقىرى تېمېپراتۇرىدا ئارقا-ئارقىدىن نۇرغۇن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. تومۇز ئىسسىق...
22-05-2015
0
105
thumb
 شەھىرىمىزدە 27- ئاپرېلدىكى قۇم - بورانلىق ھاۋا رايى ئاپرېلدىكى ھاۋا سۈپىتىگە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىدى. ئىگىلىنىشىچە، ئاپرېلدا شەھىرىمىزنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئۆلچەمگە يەتكەن كۈن سانى %80كە يېتىپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ مۇشۇ مەزگىلىدىكىدىن %20 ئ...
20-05-2015
0
316
thumb
ئاقتۇ ناھىيە بۇلۇڭكۆل يېزا گەز كەنتى تەۋەسىدىكى قوڭۇر تۆپە چوققىسىنىڭ شىمالىي تاغ ئېتىكىدىكى مۇزلۇق ماي ئېيى كىرگەندىن بۇيان ئەسلىدىكى جايىدىن 20 كىلومېتىر ئارىلىققا كۆچۈپ، ھازىرغىچە 15 مىڭ مو كۆلەمدىكى يايلاق مۇز ئاستىدا قالدى، 12 چارۋىچى ...
19-05-2015
0
350
thumb
شىنخۇا تورى خەۋىرى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تورىنىڭ 18-ماي خەۋەر قىلىشىچە، 13-مايدىن 17-مايغىچە جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا ئۇدا قاتتىق يامغۇر ياغقان، 18-ماي سائەت 9:00غىچە بولغان ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇ قاتتىق يامغۇردا جېجياڭ، ئە...
19-05-2015
0
309
thumb
شىنجاڭ سەھەر گېزىتى خەۋىرى : 17-مايدىن 18-مايغىچە، ئۈرۈمچىدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ، ھۆل - يىغىن مىقدارى 15.3 مىللىمېتىرغا يەتكەن، بۇ قېتىمقى يامغۇر ئاساسلىقى كەچتە ياغقان بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يول يۈرۈشىگە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمىگەن. 19...
18-05-2015
0
131
thumb
دۇنيا خەۋەرلىرى تورى 18-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: كانادانىڭ برىتىش كولومبىيە ئۆلكىسىدە مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە ئورمانلىققا ئوت كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ داۋاملىق كىڭەيمەكتە، ئۆتكەن ھەپتە چارشەنبە كۈنى باشلانغان ئوت كېتىش ھادىسىسى 5 نو...
17-05-2015
0
319
thumb
مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 15- ماي داۋاملىق قارا يامغۇردىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى ، مۆلچەرلىنىشىچە ، 15- ماي سائەت 14:00 دىن 16- ماي سائەت 14:00 گىچە ئەنخۇي، شاڭخەي، جېجياڭ ، فۇجيەن ، جياڭشى ، خۇنە...
15-05-2015
0
266
thumb
جۇڭگو ئاخبارات تورى خوتەن 13- ماي تېلېگراممىسى : 13-ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00 ئەتراپىدا، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 14-شى 224-تۇەنى يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك چاڭ-توزاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچ...
13-05-2015
0
210
thumb
جۇڭگو ئاخبارات تورى، ئۈرۈمچى، 12-ماي تېلېگراممىسى: شىنجاڭ كۈنەس ناھىيەسىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا 12-ماي قاتتىق يامغۇر يېغىپ، نۇرغۇن يېزا-بازارلاردا لاتقا شېغىللىق ئېقىن ئاپىتى يۈز بەردى. كەلكۈن كەنت، مەكتەپ، ئاھالىلەرنىڭ ھويلىلىرى ۋە تېرىلغۇ...
Powered by Leglek