3-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ مەركىزى شەھەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى توردا تىزىملىتىش شەكلىدە سانلىق مەلۇماتلارنى توپلايدىكەن، ھەر قايسى مەكتەپلەر ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھان تورىدا ئىمتىھانغا تىزىملىتىشقا تەشكىللەيدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان مەركىزىنىڭ مەسئۇلىنىڭ دېيىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن، ئۈرۈمچىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇپ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىگە ئېرىشكەن تولۇقسىز 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى، ئۆزى ئوقۇۋاتقان مەكتەپتە تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش بۆلۈمىدىن سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ يىل تولۇقسىزنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار (ئۈرۈمچى نوپۇس)، ئەسلى مەكتىپىگە بېرىپ ئىمتىھانغا تىزىملىتىدۇ، تىزىملاتقاندا ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ نوپۇسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى مەكتەپكە تەمىنلەيدۇ، ئىمتىھانغا تىزىملىتىدىغان ئوقۇغۇچى چوقۇم نەق مەيدانغا بېرىپ ئېلېكتىرونلۇق سۈرەتكە چۈشىدۇ، مەكتەپكە تىزىملىتىش 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.
باشقا ئۆلكىدە ئوقۇغان، ھازىر ئۆزىنىڭ ئەسلى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايغا قايتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان، بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانا ئىككى تەرەپ ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھامىيسىنىڭ ئۈرۈمچى نوپۇسى بارلار، ئىمتىھانغا تىزىملاتقاندا، ئۆزىنىڭ ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ نوپۇسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، ئىمتىھانغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىكى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، ئوقۇغۇچى ئوقۇغان مەكتەپ چىقىرىپ بەرگەن ئوقۇش تەۋەلىك نومۇرى بار ئوقۇۋاتقانلىق ئىسپاتى (ناھىيەلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تامغىسى بېسىلىدۇ). ئىمتىھانغا تىزىملىتىدىغان ئوقۇغۇچى چوقۇم نەق مەيدانغا بېرىپ ئېلېكتىرونلۇق سۈرەتكە چۈشىدۇ. ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ۋاقتى 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 2-كۈنى؛ ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ئورنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان مەركىزى، مەسلىھەت سوراش تېلېفونى 8810105
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved