شىنجاڭ ئۆزتۈرك مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقان سەھىپە
كوللېكتىپنى باشقۇرۇش بولسا شىركەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىردىكى باشقۇرغۇچىلار ئۇچراۋاتقان ئەمەلىي مەسلە. قايسىلا كارخانىلارغا بارمايلى ئۇلارنىڭ سۇئالى ئوخشاش: قانداق قىلغاندا كوللېكتىپنى ياخشى يېتەكلەپ ماڭغىنى بولىدۇ؟ كوللېكتىپى يېتەكلەپ مېڭىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى 5 ئىشنى قىلىش كىرەك.
بىرىنچىدىن: ئىشەنچ تۇرغۇزۇش
ئىشەنچ- بىر كوللېكتىپنىڭ ئاساسى. ئەگەر باشقۇرغۇچى كوللېكتىپ ئىچىدە مۇكەممەل بولغان ئىشەنچ تۇرغۇزالىسا، ئۇنىڭ باشقۇرۇش چىقىملىرى ئۆزلىكدىن تۆۋەنلەيدۇ. ئىشەنچ تۇرغۇزۇشتا باشقۇرغۇچى سۆز-ھەركەتتە بىردەك بولۇشقا، ئورتاق مەنپەئەتتىن چىقىپ تەپەككۇر قىلىشقا، ئىشلار ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا دىققەت قىلىش كىرەك.
ئىككىنچىدىن: نىشان تۇرغۇزۇش
بىر كوللېكتىپتا ئورتاق نىشان بولمىسا، بۇ بىرتوپ بېشى يوق قوشۇنغا ئوخشاش ئۆز قىممىتىنى يارتالمايدۇ. باشقۇرغۇچى نىشان تۇرغۇزۇشتا نىشاننىڭSMARTپىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كېلىشى، نىشاننىڭ ئارقا كۆرنۈشىنى يورۇتۇپ بېرشىكە،نىشاننىڭ كوللېكتىپنىڭ ئىددىيەسىدىن ئۆتۈشىگە ئەھمىيەت بېرىشى كىرەك.
ئۈچىنچىدىن: باشقۇرۇش جەريانى
باشقۇرۇش جەريانى باشقۇرغۇچىنىڭ تەدبىرلىرىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالاتلىك قىلىشى بىلەن بىرگە كوللېكتىپنىڭ يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن ئايلىنشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كىرەك.
تۆتىنچىدىن: ئورتاق ۋەدە
ئورتاق ۋەدە بولسا كوللېكتىپ نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشش جەرياننى ياخشى ئېلىپ مېڭىشتا بەكمۇ مۇھىم.
بەشىنچىدىن: ئالاقە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش
ئالاقە بىر كوللېكتىپنىڭ قېنىغا ئوخشاش، ئالدىنقى تۆتكە قارغاندا ئەڭ مۇھىمى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved