گۇاڭمىڭ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئامېرىكا ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇتان خان جەمەتى يېقىندا بىر شاھزادىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان بولۇپ، ئۇلار پۈتۈن مەملىكەت چېگراسى ئىچىدە 108000 تۈپ كۆچەت تىكىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ ئىشنى تەبرىكلىمەكچى بولغان.
بۇتان پادىشاھى Khesar Namgyel Wangchuck ۋە خانىش Jetsun Pema بۇ يىل 2- ئاينىڭ 5- كۈنى ئۇلارنىڭ تۇنجى پەرزەنتىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان، بىر ئايدىن كېيىن، خان جەمەتى كۆچەت تىكىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كىچىك شاھزادىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى تەبرىكلىمەكچى بولغان.
بۇتان بۇددا دۆلىتى بولۇپ، بۇددا دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىدە دەل- دەرەخ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى دەپ قارىلىدىكەن. ھەر بىر تۈپ كۆچەت كۆچەت تىككۈچىنىڭ بەخىت تىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق كىچىك شاھزادىنىڭ ساغلام، قاۋۇل، ئۇزۇن يىللىق دەرەخكە ئوخشاش ئەقىل- پاراسەتكە تولغان بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تىلىمەكچى ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، 108 دېگەن بۇ سان بۇددا دىنىدا ناھايىتى ئۇلۇغ بىر سان بولۇپ، ساۋابلىق قىلغان ئىشلىرىنىڭ تولۇق بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇتان پايتەختى تىمپۇدا يېڭى بىر «بەخت دەرەخزارلىقى» رەسمى يوسۇندا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەت ساياھەتچىلىرىنى بۇ يەرگە كېلىپ، «بەخت دەرىخى» تىكىشكە تەكلىپ قىلغان، ھەمدە بۇ ئارقىلىق دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان دەرەخلەرنى تىكىشنى ئۈمىد قىلغان.
بۇتان بەخىت بولۇش كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى بولۇش بىلەن دۇنياغا داڭلىق دۆلەت بولۇپ، ئۇلار ئاممىنىڭ بەخىتلىك بولۇش ئومۇمىي قىممىتىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈش سىياسىتىگە ئەمەل قىلىدۇ، ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆلچەيدىكەن. بۇتان ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن مۇھىتنى قوغداش ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇققا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىكەن. بۇ دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە %60 زېمىنى چوقۇم دەل- دەرەخ بىلەن قاپلىنىشى كېرەك ئىكەن، ئەمما ھازىر بۇتاننىڭ %75 زېمىنىنى دەل- دەرەخلەر قاپلاپ تۇرىدىكەن.
بۇلتۇر 100 نەپەر بۇددا دىنى مۇرتلىرى ئۆزلىرى خالىغان ھالدا قىسقىغىنە بىر سائەت ئىچىدە 49672 تۈپ كۆچەت تىكىپ، دۇنيا جىنىس رىكورتى ياراتقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved