بۇتان خان جەمەتى 108000 تۈپ كۆچەت تىكىپ كىچىك شاھزادىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى تەبرىكلىمەكچى

گۇاڭمىڭ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇتان خان جەمەتى يېقىندا بىر شاھزادىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان بولۇپ، ئۇلار پۈتۈن مەملىكەت چېگراسى ئىچىدە 108000 تۈپ كۆچەت تىكىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ ئىشنى تەبرىكلىمەكچى بولغان.

بۇتان پادىشاھى Khesar Namgyel Wangchuck ۋە خانىش Jetsun Pema بۇ يىل 2- ئاينىڭ 5- كۈنى ئۇلارنىڭ تۇنجى پەرزەنتىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان، بىر ئايدىن كېيىن، خان جەمەتى كۆچەت تىكىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كىچىك شاھزادىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى تەبرىكلىمەكچى بولغان.

بۇتان بۇددا دۆلىتى بولۇپ، بۇددا دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىدە دەل- دەرەخ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى دەپ قارىلىدىكەن. ھەر بىر تۈپ كۆچەت كۆچەت تىككۈچىنىڭ بەخىت تىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق كىچىك شاھزادىنىڭ ساغلام، قاۋۇل، ئۇزۇن يىللىق دەرەخكە ئوخشاش ئەقىل- پاراسەتكە تولغان بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تىلىمەكچى ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، 108 دېگەن بۇ سان بۇددا دىنىدا ناھايىتى ئۇلۇغ بىر سان بولۇپ، ساۋابلىق قىلغان ئىشلىرىنىڭ تولۇق بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇتان پايتەختى تىمپۇدا يېڭى بىر «بەخت دەرەخزارلىقى» رەسمى يوسۇندا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەت ساياھەتچىلىرىنى بۇ يەرگە كېلىپ، «بەخت دەرىخى» تىكىشكە تەكلىپ قىلغان، ھەمدە بۇ ئارقىلىق دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان دەرەخلەرنى تىكىشنى ئۈمىد قىلغان.

بۇتان بەخىت بولۇش كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى بولۇش بىلەن دۇنياغا داڭلىق دۆلەت بولۇپ، ئۇلار ئاممىنىڭ بەخىتلىك بولۇش ئومۇمىي قىممىتىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈش سىياسىتىگە ئەمەل قىلىدۇ، ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆلچەيدىكەن. بۇتان ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن مۇھىتنى قوغداش ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇققا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىكەن. بۇ دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە %60 زېمىنى چوقۇم دەل- دەرەخ بىلەن قاپلىنىشى كېرەك ئىكەن، ئەمما ھازىر بۇتاننىڭ %75 زېمىنىنى دەل- دەرەخلەر قاپلاپ تۇرىدىكەن.

بۇلتۇر 100 نەپەر بۇددا دىنى مۇرتلىرى ئۆزلىرى خالىغان ھالدا قىسقىغىنە بىر سائەت ئىچىدە 49672 تۈپ كۆچەت تىكىپ، دۇنيا جىنىس رىكورتى ياراتقان.



خەتكۈچلەر:
15-03-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
20-04-2016
ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فەنەر باغچە كۇلۇبى گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى لوۋنى كوماندىنىڭ مەشقاۋۇللىقىغا تەكلىپ قىلماقچى بولغان. فەنەر باغچە كۇلۇبى ھازىرقى مەشقاۋۇل ۋىتور پېرېرانىڭ ئىپادىسىدىن رازى بولمىغاچقا، بۇ يىل ياز...
20-04-2016
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە تورى تۈنۈگۈن مۇنداق خەۋەر بەردى: رازۋېدكا سۈنىي ھەمراھىمىز چاۋشيەننىڭ ھەر ۋاقىت قويۇپ بەرگىلى بولىدىغان كۆچمە ترايېكتورىيىلىك باشقۇرۇ...
20-04-2016
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: تۇدۇڭخابا رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىدىكى ساقچىلار يېقىندا «تەيشەن» كوچىسى بىلەن «پوياڭ»  يولىنىڭ تۇتىشىش ئېغىزىدا ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن شوپۇر ليۇ فامىلىلىكنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قى...
20-04-2016
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: «بۈگۈنكى ئامېرىكا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جون بىرىننان 11-ئاپرېل مەلۇم زۇڭتۇڭ نامزاتىنىڭ ئۇنىڭدىن سۇ جازاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى...
20-04-2016
تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى  يۇقىرى بولسىمۇ تۇخۇمغا نىسبەتەن بەزى كىشىلەردە  بولۇپمۇ بالىلاردا تېرىسى ئىششىپ چىقىش قاتارلىق رېئاكسىيەلەر  كۆرىلىدۇ . بۇنداق بالىلار تۇخۇمنى يىيەلمەيلا قالماستىن تۇخۇم قوشۇلغان باشقا يېمەكلىكلە...
20-04-2016
كانادا ھۆكۈمىتى ئاكتىپلىق بىلەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى كۆچمەن بولۇشقا جەلپ قىلدى، كۆچمەنلەر ئىدارىسى باشلىقى ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئاشكارە بايانات ئېلان قىلىپ، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ كانادادىكى ئەڭ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە كۆچمەنلەر ئىكەنلىكىنى...
20-04-2016
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016-يىللىق جەمئىيەتتىن ئاشكارا مەمۇر قوبۇل قىلىش يېزىقچە ئىمتىھانى شەنبە (4-ئاينىڭ 23-كۈنى) ئېلىنىدۇ، بۇ قېتىملىق مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغ...
20-04-2016
سىتى گۇروھى (Citi) نىڭ ئانالىزچىسى Ed Morse يەكشەنبە كۈنى دوكلاتىدا ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە نېفىت باھاسى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، تەمىنلەشنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ھەمدە ئېھتىياج داۋاملىق ئېشىۋاتقان ھالىتىنى تولۇقلاپ يىتەرلىك مەبلەغ بىلەن مەھسۇلا...
20-04-2016
4-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاسىيا بازىرى ۋاقتىدا، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى تەۋرەنمە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلىپ يۇقىرى ئۆرلىگەندىن كېيىن بىراقلا تۆۋەنلەپ 1234 دوللار ئەتىراپىغا يېقىنلاشتى. شۋېتسارىيە بانكىسى(UBS) مۇنۇلارنى بىلدۈردى، نىسپىي قىسقا ۋا...
20-04-2016
سۇمرۇغ تورىنىڭ 20-ئاپرېل خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى : 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 0:30 ئۆتكەندە، 2015-2016-مۇسابىقە پەسىللىك گېرمانىيە لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بايرىن ميۇنخىن ساھىبخان مەيداندا بېر...
Powered by Leglek