جۇڭگو–پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىدىكى نامايەندە

ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ پاكىستانغا قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا

پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ باخاۋالپۇر شەھىرى 5 – ماي بايرام ئۆتكۈزۈلگەندەك قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭدىكى چوڭ كارخانا ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى ھۆددىگە ئېلىپ ياساۋاتقان 100 مېگاۋاتلىق چوڭ تىپتىكى قۇياش ئېنېرگىيەسى فوتوۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ پۈتۈش مۇراسىمى بۇ شەھەرنىڭ جېننا قۇياش ئېنېرگىيەسى سانائەت رايونىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.
پاكىستان زۇڭلىسى ناۋاز شېرىپ، پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى شاۋاز شېرىپ، جۇڭگونىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈن ۋېيدۇڭ قاتارلىقلار بۇ مۇراسىمغا قاتنىشىپ، قۇرۇلۇشنىڭ پۈتكەنلىكىنى تەبرىكلەپ، قۇرۇلۇشچىلارغا رەھمەت ئېيتىپ، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈردى. زۇڭلى ناۋاز شېرىپ ھاياجانلانغان ھالدا: ‹‹بۈگۈن مەن تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن پۈتكۈل قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تولۇق مەنزىرىسىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ خۇددى كۆپكۆك دېڭىزغا ئوخشايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ھەم دوستلۇق قۇرۇلۇشى بولۇپ، پاكىستان خەلقىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈپ، جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ››، دېدى. جۇڭگونىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈن ۋېيدۇڭ: ‹‹بۇ تۈر جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇش رامكىسى ئاساسىدا تاماملانغان تۇنجى تۈر بولۇپ، پاكىستاننىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ››، دېدى.
‹‹بىز جۇڭگو كارخانىسى بىلەن ھەمكارلاشقىنىمىزدىن بەك خۇشالمىز››
بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى باخاۋالپۇر رايونىدىكى تەر قۇملۇقىغا جايلاشقان بولۇپ، پاكىستاندىكى ئەڭ چوڭ، شۇنداقلا ھازىرقى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يەككە بىرىكمىلىك قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ يەر مەيدانى 1.4 كىۋادرات كىلومېتىر، سېلىنغان مەبلەغ 215 مىليون دوللار بولۇپ، ھەر يىلى پەنجاپ ئۆلكىسىنى 150 مىليون كىلوۋات سائەتتىن ئارتۇق پاكىز ئېنېرگىيەلىك توك بىلەن ئۇدا 25 يىل تەمىنلىيەلەيدۇ. ئەگەر ھەر بىر ئائىلە ئايدا 200 كىلوۋات سائەت توك ئىشلىتىدۇ دېسەك، بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى تەخمىنەن 750 مىڭ ئائىلىنىڭ توك مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ تەبىئىي مۇھىتى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، مەبلەغ سېلىش مۇھىتى، كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشى ۋە خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە ياخشىلايدۇ.
جۇڭگو – پاكىستان ھۆكۈمەتلىرى بۇ تۈر قۇرۇلۇشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، ئۇنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى. 20 – ئاپرېل، رەئىس شى جىنپىڭ پاكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغاندا، زۇڭلى شېرىف بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن پاكىستان ھەمكارلاشقان سەككىز چوڭ ھەمكارلىق تۈرىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى. 2014 – يىلى 9 – مايدا بۇ تۈردە ئىش باشلانغاندا، زۇڭلى ناۋاز شېرىپ تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن مەخسۇس پايتەخت ئىسلامئابادتىن كېلىپ، قۇرۇلۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشقانىدى ھەم قۇرۇلۇش مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈرگەنىدى.
پاكىستاندا توك يېتىشمىگەچكە، كۈندە دېگۈدەك توكقا چەكلىمە قويۇلىدۇ. پەنجاپ ئۆلكىسى پاكىستاندىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ، شۇنداقلا سانائەت – سودا كەسپى ئەڭ مەركەزلەشكەن ئۆلكە بولۇپ، توك ئىشلىتىش مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ توك ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %68ىنى ئىگىلىگەچكە، توك يېتىشمەسلىك بۇ ئۆلكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەنىدى. 2014 – يىلى 3 – ئايدا، جۇڭگو ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى يەرلىك كارخانىسى بولغان يېڭى ئېنېرگىيە شىركىتى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ، بۇ باغچا رايونىدىكى چوڭ تىپتىكى فوتوۋولت قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئالغان ۋە ئۇنى 25 يىل باشقۇرۇش – ئاسراش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن تۇنجى كارخانا بولۇپ قالدى.
جاھانزىپخان: ‹‹پاكىستان بىلەن جۇڭگو ياخشى قوشنا، ياخشى ھەمراھ ۋە ياخشى دوست بولۇپ، ئەتراپلىق دوستلۇق مۇناسىۋىتى بار. شۇڭا بىز جۇڭگو كارخانىسى بىلەن ھەمكارلاشقىنىمىزدىن خۇشالمىز، شۇنداقلا جۇڭگولۇق دوستلار بىلەن تەڭ كۈچ چىقىرىپ، پاكىستاننىڭ ئېنېرگىيە يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلالىغانلىقىمىزدىن بەك پەخىرلىنىمىز››، دېدى.
‹‹خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۈلگە قۇرۇلۇش قىلىپ چىقىمىز››
كەڭ بىپايان قۇم دالىدا سانسىزلىغان رەتلىك قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارىيە تاختىلىرى شەرقىي جەنۇبقا قاراپ سوزۇلۇپ ئۇپۇق سىزىقىغا تۇتاشقان بولۇپ، ئۇلار چۈشتىن كېيىنكى كۈچلۈك قۇياش نۇرىدا كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇرىدۇ.
ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى يېڭى ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ پاكىستاندىكى تۈرگە مەسئۇل دىرېكتورى ۋۇ جىلۇڭ ئۆزى ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ بۇ بىپايان قۇملۇقتا ياراتقان ئاجايىپ مۆجىزىسىدىن بەك پەخىرلىنىدۇ. ئۇنىڭ تۈر گۇرۇپپىسىدا 40 نەچچە كىشى بولۇپ، تەر قۇملۇقىدىكى 12 كونتېينېردىن ياسالغان ۋاقىتلىق تۇرالغۇدا تۇرىدۇ. بۇ جاي ئاۋات، زامانىۋى شەھەر – بازارلار، ھەتتا زامانىۋى دۇنيادىن يىراق بولۇپ، ئۇلار دەسلەپتە بۇ يەرگە كەلگەندە، چەكسىز قۇم بارخانلىرى ۋە پىژغىرىم ئاپتاپ ئۇلارغا ھەمراھ بولغان. لېكىن ياقا يۇرتتىكى كۆز يەتمەيدىغان چۆل – جەزىرىدە غېرىبلىقتا ئېغىر جاپا – مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەترەتتىكىلەر بۇنداق زور قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەي، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بۇ قۇرۇلۇشنى روياپقا چىقارغان. ۋۇ جىلۇڭ: ‹‹فوتوۋولت كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەھمىيىتى بۇنداق زور قۇرۇلۇشتا ئىشلىيەلىگەنلىكىمدىن ئۆمۈر بويى پۇشايمان قىلمايمەن››، دېدى.
ئۇلار ئون ئايدىن بۇيان پاكىستان خەلقىگە بەخت يارىتىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، جۇڭگو – پاكىستان دوستلۇقى ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرۈش كۈچلۈك ئارزۇسى بويىچە مۇشۇنداق چۆل – باياۋاندا تۇرۇپ، جاپالىق كۈرەش قىلىپ، پىژغىرىم ئاپتاپ ۋە ھاۋاغا كۆنەلمەسلىك، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى توسالغۇ، تېخنىكىلىق ئۆلچەم پەرقى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى يېتىشمەسلىك قاتارلىق ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قۇرۇلۇشنى ئىنچىكە لايىھەلەپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا يولغا قويۇپ، پاكىستان تەرەپنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشى نەتىجىسىدە، قىسقىغىنە ئون ئايدا دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان بۇنداق زور كۆلەملىك قۇياش ئېنېرگىيەسى فوتوۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى سەۋىيەدە ئاپىرىدە قىلدى. ۋۇ جىلۇڭ بىزگە: ‹‹بىز <بىر قۇرۇلۇش ئارقىلىق بىر ئابىدە تىكلەش> ئىرادىسى بويىچە، بۇ قۇرۇلۇشنى خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۈلگە قۇرۇلۇش قىلىپ چىقىشقا بەل باغلىدۇق. قۇرۇلۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، بىز جۇڭگو ۋە پاكىستانلىق 3000دىن ئارتۇق ئىشچىنى تەشكىللەپ، كېچە – كۈندۈز جاپالىق ئىشلەپ، ئەسلىدە سەككىز ئايدا تاماملىنىدىغان قۇرۇلۇشنى قىسقىغىنە ئۈچ ئاي ئىچىدە تاماملاپ، دۇنيانىڭ فوتوۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى تارىخىدا يېڭى رېكورت ياراتتۇق››، دېدى.
‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، دوستلۇق قۇرۇلۇشى››نىڭ ئالاھىدىلىكى بارغانسېرى روشەنلىشىۋاتىدۇ
بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، دوستلۇق قۇرۇلۇشى››نىڭ ئالاھىدىلىكى بارغانسېرى روشەنلىشىۋاتىدۇ.
بۇ تۈر يەرلىكتىكىلەرنى 3000دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. قۇرۇلۇش ئەترىتىمۇ پاكىستاندىن نۇرغۇن تېخنىك ۋە ياشنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ھازىر ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىدە تەكلىپ بىلەن ئىشلەۋاتقان تۈر باشقۇرۇش مەسلىھەتچىسى، تەرجىمان، شۇنداقلا قۇرۇلۇش تېخنىكى، قانۇن، باج خادىمىدىن ئون نەچچىسى بار. بومبا ساقال ئەلىشاھ ئەلى ئۇلارنىڭ بىرى. ئەلى ئىلگىرى كاراچىدىكى بىر زاۋۇتتا كەپشەرچى بولۇپ، زاۋۇتتىكى جۇڭگولۇق ئۇستاملاردىن خەنزۇچىنى ئۆگىنىۋالغان. ئۇ توردا ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ پاكىستاندا ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى كۆتۈرە ئالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بۇ شىركەتكە كېلىپ ئىشلەپ، ھازىر كەپشەرچى بولغاندىن سىرت، يەنە تەرجىمانلىق قىلىدىكەن. ئۇ: ‹‹تېخىمۇ كۆپ تېخنىكىلارنى ئۆگىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن››، دېدى.
پاكىستان تەرەپنىڭ بۇ تۈرگە مەسئۇل باش دىرېكتورى نەجىم ئەخمەتشاھ: ‹‹ئالاھىدە تىرانسفورماتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى بۇ تۈرنى تېز يولغا قويۇپ، تېز تورلاشتۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرگەچكە، بۇ يەردىكى توك باھاسى ئۈچ سىنىتتىن ئارتۇق تۆۋەنلىدى، دېدى.
شاۋاز شېرىپ 2013 – يىلى ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىدە زىيارەتتە بولغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ كارخانا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۇنيا قۇياش ئېنىرگىيە ساھەسىدىكى باشلامچى بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. جۇڭگو رەھبەرلىرى ئوتتۇرىغا قويغان <جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى> قۇرۇلۇشى پىلانى پاكىستان خەلقىگە سۇنغان چوڭ سوۋغات بولۇپ، جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى نامايان قىلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن پاكىستان، شۇنداقلا پەنجاب ئۆلكىسى بىلەن جۇڭگودىكى شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ۋە باشقا ئىقتىسادىي ساھەلەردە ھەمكارلىشىش پۇرسىتى ۋە بۇنداق تۈرلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىگە ئوخشاشلا، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ پاكىستان ۋە پەنجاب ئۆلكىسىگە مەبلەغ سېلىپ، بىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، ئىككى تەرەپ تەڭ نەپ ئېلىپ، جۇڭگو – پاكىستان دوستلۇقىدا يېڭى سەھىپە ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمىز››.

 



خەتكۈچلەر:
14-05-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
    تەيۋەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئادەتتە كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان توك تارقىتىش ئۇسۇلى بولسا ئوت كۈچى، قۇياش ئېنىرگىيىسى، شامال كۈچى، سۇ كۈچى شۇنداقلا يادرو ئېنىرگىيسى ئارقىلىق توك تارقىتىش قاتارلىقلارد...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان سىنگاپور دېڭىز قىرغىقىدا قىستىلىشىپ تۇرغان دەرىجىدىن تاشقىرى ماي پاراخوتلىرىنىڭ سۈرەتلىرى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. ن...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 26- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 26- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تەمىنلەشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ۋە يەر شارى نېفىت ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى نېفىت بازىرىنىڭ د...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     دۆلەت ئىچىدىكى تەييار يېقىلغۇ باھاسى يەنە بىر قېتىم ئۆسۈپ، بۇ يىلقى «ئۇدا ئۈچ قېتىملىق ئۆسۈش» نى كۈتۈۋالدى، ھەمدە بۇ قېتىمقى ئۆسۈش يىل ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى ي...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى، فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە، ماي باكى ئاپتوموبىلى ماي قاچىلاش پونكىتىغا ماي يەتكۈزمەكتە. فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئالان ۋىتالى 25-ماي ئاخبارات ۋاستىلىرىغا دەلىل...
24-05-2016
    «قارا ئاققۇ» نىڭ داۋاملىق پەيدا بولۇشى خەلقئارا ماي باھاسىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى، دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسى تۇنجى قېتىم «ئۇدا ئۈچ     قېتىم چۈشۈش» تەك ئەھۋال كۆرۈلدى. «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى» مۇخبىرى...
24-05-2016
    جۇڭگو كۆمۈر سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شيەنجېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2015-يىلىدىكى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ۋە ئىستېمالى ئايرى...
24-05-2016
    دۈشەنبە كۈنى ياۋروپا دەسلەپكى بازىرىدا، نېفىت باھاسى داۋاملىق ئاسىيا بازىرىدىكى چۈشۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇردى، سەۋەبى دوللارنىڭ كۈچىيىشى، ھەمدە بەزى ئالامەتلەردىن قارىغاندا، گەرچە ئىشلەپچىقىرىش توختاپ قېلىپ ئىشلەپچىقىرىش مىق...
24-05-2016
يەر شارى تورى 24- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئەنگىلىيە مۇستەقىللىق گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ قوياش ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا نەچچە كۈن...
24-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا دۆلەت ئىچىدىكى تاراتقۇلار ئېلان قىلغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئىچى تەييار ماي پارچە سېتىش باھاسىنى تەڭشەش كۆزنىكى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېچىلىدىكەن، مۆلچەردە بۇ قېتىملىق باھ...
Powered by Leglek