رۇسىيە دۆلەت موداپىئە مىنىستىرلىقى 3-سېنتەبىر، رۇسىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمىنىڭ مۇشۇ ئايدا چوڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىمىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: مانېۋىر رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىدىكى ئالتاي چېگرا رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 4 مىڭدىن كۆپرەك ئەسكەر ۋە 400 دىن كۆپرەك ھەربىي ئۈسكۈنىلەر مانېۋىرغا قاتناشتۇرۇلىدۇ.
رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ باياناتچىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: مانېۋىردا يۇقىرى تېخنىكلىق قۇراللار ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، سىمسىز تېلېگراف، ئېلېكترونلۇق توسقۇنلۇققا ئۇچراش ھەمدە قىسىملار ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان رايونلار دۈشمەننىڭ ئەتراپلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئەھۋالدا ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش مانېۋىر قىلىنىدۇ. دۈشمەنلەرنىڭ رولىنى رۇسىيىنىڭ ئالاھىدە قىسىمى ئۆتەيدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved