2016-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى، گۇاڭدۇڭ جىياڭمىن، لىياڭ ئەپەندى چۈشتىن كېيىن سائەت تۆت ئەتراپىدا دوستلىرى بىلەن شىجىياڭغا بېلىق تۇتقىلى چىققان، تورنى تاشلاپ بىردەمدىن كېيىن تورنىڭ ئېغىرلاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان لىياڭ ئەپەندى تورغا بېلىق ئىلنىشىپتۇ دەپ قاراپ، دەرھال تورنى تارتقاندا تورغا غەلىتە بېلىق چىققان. لىياڭ ئەپەندى 20 يىلدىن بېرى بېلىق تۇتۇپ بۇنداق غەلىتە بېلىق كۆرۈپ باقماپتىكەن، ئەتراپتىكى بېلىقچىلارمۇ قاراپ ھېچقايسىسى بۇ خىلدىكى بېلىقنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىشقان.
چۈشتىن كېيىن سائەت 5:30 دا، مۇخبىرلار لىياڭ ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدا، بۇ بېلىقنى كۆرگىلى بارغان. بېلىقنىڭ بەدىنى كارا رەڭدە بولۇپ قورسىقى ئاق رەڭدە ئىدى. بېلىقنىڭ ئۇزۇنلۇقى 75 سانتىمېتىر بولۇپ، ئېغىزى ئىنچىكە ئىدى.
لىياڭ ئەپەندى بېلىقنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ ئۆتكۈر چىشلارنى بايقىغان، لىياڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بېلىقنىڭ ئېغىزى تىمساھنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىكەن.
لىياڭ ئەپەندى بۇ بېلىقنىڭ تۈرىنى بىلەلمىگەچكە ئىستېمال قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي ئۆيىدىكى بېلىق ساندۇقىغا مېھمانلارنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن ساقلاپ قويغانىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved