ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 13-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى كۈنى، تايلاندتا تارتىلغان بىر پارچە ۋىدىئودا كۆرسىتىلىشچە، بىر دانە ئانا مايمۇن موتوغا سوقۇلۇپ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، مايمۇنچاق ئانىسىنىڭ جەستىنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە يىغلاپ بېشىنى ئانىسنىڭ مويى ئاستىغا چىڭ چاپلىۋالغانىدى.
بۇ كىنولاردىكى مەۋھۇم مەنزىرە بولماستىن بەلكى تايلاندتا يۈز بەرگەن ھەقىقىي ۋەقە بولۇپ، بۇنى كۆرگەن كىشى يىغلىماي تۇرالمايتتى. ئانا مايمۇن موتوغا سوقۇلۇپ قازا قىلغاندىن كېيىن مىدىرلىماي ياتاتتى، مايمۇنچاق ئانىسىنىڭ جەسىتىنى چىڭ قۇچاقلاپ ئانىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن مىدىرلىمايدىغانلىقىغا ھەيران بولۇپ كۆز ياشلىرىنى توختىتالمايتتى. فوتوگراف يېقىن كەلگەندە مايمۇنچاق تېخىمۇ ئېچىنىشلىق يىغلاشقا باشلاپ ئەتراپتىكىلەردىن ياردەم سوراشقا باشلىدى.
نورمال ئەھۋالدا ئانا مايمۇن بالىسىنى ئۇ تاكى تۆت ياشقا كىرگۈچە يېنىدىن ئايرىماي بېقىپ ئاسراپ چوڭ قىلىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭغا قانداق ئوۋ ئوۋلاشنى ۋە دۈشمەندىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ئۆگىتىدۇ. تەتقىقاتتا ئىسپاتلىشىچە، بالا مايمۇنلار ئانىسىدىن بۇرۇن ئايرىلىپ قالسا بەك چېچىلاڭغۇ ۋە جېلىكەش بولۇپ قالىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved