سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 14-مارت تېلېگراممىسى: ئاقساراي شۇ جاي ۋاقتى 14-مارت مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ كۈنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئىككى تەرەپ رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىن ئاساسلىق ھەربىي كۈچىنى چېكىندۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشتى، ھەم ئوباما سۈرىيەنىڭ سىياسىي ئۆتكۈنچى ھالەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەكىتلىدى، دېگەن.
ئاق ساراي باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: ئوباما بىلەن پۇتىن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىشتا زۆرۈر بولغان قەدەم-باسقۇچلارنى مۇزاكىرە قىلدى. ئوباما سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىغاندىن بۇيان زوراۋانلىق ھەرىكىتىنىڭ ئازايغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوباما يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق ھۇجۇم قىلىشى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، شۇنداقلا ب د ت نىڭ يېتەكچى خاراكتېرلىك سىياسىي مۇساپىنى بېسىشىغا خەۋپ-خەتەر ئېلىپ كەلدى. ئوباما يەنە، سۈرىيە يەنىلا سىياسىي ئۆتكۈنچى ھالەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارقىلىق زوراۋانلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئوباما نۆۋەتتىكى سۈرىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، ئەمما سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئالدىن بېكىتىلگەن ئورۇنغا دەخلىسىز يېتىپ بېرىشقا يول قويۇشى كېرەك دەپ قارىغان.
پۇتىن 14-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: نۆۋەتتە رۇسىيە ئاساسىي ۋەزىپىسىنى ئاللىبۇرۇن ئورۇنداپ بولغان بولدى، 15-مارت كۈنىدىن باشلاپ سۈرىيەدىن ئاساسلىق ھەربىي كۈچىنى چېكىندۈرۈشنى قارار قىلدى. بۇ قارارىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل بولۇشى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
رېيتېر ئاگېنتلىقى بىر نامسىز ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، رۇسىيە سۈرىيەدىن ئاساسلىق ھەربىي كۈچىنى چېكىندۈرۈش قارارىنى ئامېرىكىغا ئالدىدىن ئۇقتۇرۇش قىلمىدى، دېگەن.
بۇ يىل 2-ئايدا، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ 2-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن باشلاپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكا يېقىندىلا، سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ كۆپ قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن، بىراق، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا كېلىشىمگە كەڭ كۆلەملىك رىئايە قىلدى دەپ قارىغان.
سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ جەنۋەدىكى سۆھبىتى «ماھىيەتلىك سۆھبەت» شۇ يەر ۋاقتى 14-مارت باشلاندى، يىغىنغا قاتناشقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى دېمىستۇلا مۇنداق دېگەن: ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا بىر ئېنىق يول خەرىتىسى ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved