ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى «جۇڭگودىكى تەسىرى كۈچلۈك يۈز گېزىت»نىڭ بىرى بولدى

        «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى>>(ئۇيغۇرچە نۇسخىسى)نىڭ دۆلەتلىك ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى تەرىپىدىن «جۇڭگودىكى تەسىرى كۈچلۈك يۈز گېزىت»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنى 17-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن «كوئېنلۇن مېھمانسارىيى»دا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، دوكتۇر يېتەكچىسى ئازات سۇلتان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفسسورى، دوكتۇر يېتەكچىسى ئارسلان ئابدۇللا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مىجىت ناسىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس خاسىيەت ئېلى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھۆرىگۈل تۇرسۇن ۋە ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ھەرساھەدىن كەلگەن زاتلار قاتناشتى.    «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»(ئۇيغۇرچە)نىڭ بۇ پائالىيىتى 20 يىللىق، 25 يىللىق، 30 يىللىق تويلىرى ۋە گېزىتنىڭ 10000-سانىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىق تەبرىكىدىن كېيىنكى يەنە بىر كاتتا خۇش خەۋەر بولۇپ، جۇڭگودىكى نەچچە مىڭ گېزىت ئىچىدىن ئۈزۈپ چىققانلىقىدىن ئىبارەت بۇ نەتىجىگە يىغىنغا كەلگەن ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى 500دىن كۆپ ئادەم ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمىدى.

     ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتخانىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى گۈلبادام مۇھەممەترېھىم مۇنداق دېدى: گېزىتىمىز 31 يېشىنى ئۇزىتىش ئالدىدا بۇ شەرەپكە ئېرىشتى. ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا ھالقىلىق پەيتتە تىرەك بولۇۋاتقان رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە رەھبەرلەرگە، ئوقۇرمەنلەرگە، جاپالەش قەلەمكەش، تەھرىر-مۇھەررىرلەرگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز. ئىشىنىمىزكى تايدىن تۇلپارغا ئايلانغان گېزىتىمىز قانىتى سۇنماس بۈركۈت كەبى خىزمەتداشلىرىمىزنىڭ، سېخىي كارخانىچىلىرىمىزنىڭ ياردىمىدە داۋاملىق ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

      2015-يىللىق «جۇڭگودىكى تەسىرى كۈچلۈك يۈز گېزىت-ژۇرنال»نىڭ تىزىملىكى ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئېلان قىلىندى، 99 گېزىت، 100 ئىجتىمائىي پەنلەر ژۇرنىلى، 100 پەن-تېخنىكا ژۇرنىلى بۇنىڭغا تاللاندى. ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى(ئۇيغۇرچە) «يۈز كۈچلۈك گېزىت»نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى، بۇ، مەزكۇر گېزىتنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگودىكى «تەسىرى كۈچلۈك يۈز گېزىت»نىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

   ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، دوكتۇر يېتەكچىسى ئازات سۇلتان تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگودا 3000دىن ئارتۇق گېزىت بار، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»(ئۇيغۇرچە)نىڭ مۇشۇ 3000دىن ئارتۇق گېزىت ئىچىدىن ئۈزۈپ چىققانلىقى بىزنى سۆيۈندۈرىدۇ. مېنىڭچە، بۇ گېزىتنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭدىكى ئۇچۇر قىممىتىنىڭ چوڭلۇقىدا، گېزىت دېمەك ئۇچۇر دېمەكتۇر، بۇ گېزىت پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى ئاممىغا يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن ھادىسىلەردىن ئاممىنى ئۆز ۋاقتىدا خەۋەردار قىلدى. ھازىر ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تارقىلىش جەھەتتە ئۈرۈمچىدىلا ئەمەس، شىمالىي شىنجاڭ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەھەر، يېزا-بازارلىرىغىچە، كادىر-زىيالىيدىن سودىگەر-دېھقان-چارۋىچىغىچە، دىنىي زاتلارنى قاپلىدى. 16 بەتلىك، بىرەر يۈزدەك رەڭدار سەھىپىگە ئىگە، مول مەزمۇنلۇق بۇ گېزىت مۇشتەرىلەرنىڭ بىرىنچى تاللىشىغا ئايلاندى.

  ئارقىدىن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفسسورى، ماگىستىر يېتەكچىسى ئابدۇقادىر جالالىدىن گېزىتنىڭ جەمئىيەتتە ئوينايدىغان رولى ۋە تەسىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفسسورى، ماگىستىر يېتەكچىسى ئابلىكىم ھەسەن ئەنئەنىۋى تاراتقۇ گېزىت بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقى، شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى «ئابدۈشۈكۈر مۇخبىرلىق ئورنى»نىڭ باشلىقى ئابدۈشۈكۈر ئابدۇكېرىم پارتىيە گېزىتىنىڭ رولى، ياش مۇخبىرلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرى ۋە پىكىر-تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  پائالىيەت ئاخىرىدا ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتخانىسى ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن قوللىغان كارخانىچىلار، ئوقۇرمەنلەر، قەلەمكەشلەرگە ئۆزىنىڭ كۆڭۈل سوۋغىسىنى بەردى.


   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى 1984-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ نەشىر قىلىنىغان، 30 يىلدىن ئارتۇق زور تىرىشچانلىق ۋە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىدە نۆۋەتتە بۇ گېزىتنىڭ تىراژى 116 مىڭغا، يىللىق ئېلان كىرىمى ئۈچ مىليون يۈەنگە يېتىدۇ، ئۇ كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايوننىڭ «قوش ئون ياخشى گېزىت» شەرىپىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئوقۇشچانلىقى، تىراژى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدا چىقىدىغان گېزىتلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

  «100 كۈچلۈك گېزىت - ژۇرنال» نى باھالاشنى دۆلەتلىك ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى يولغا قويغان بىر تۈرلۈك قۇرۇلۇش بولۇپ، مۇشۇنداق باھالاش ئارقىلىق بىرقەدەر كۈچلۈك جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش ۋە بازار رىقابىتى ئىقتىدارىغا ئىگە مۇنەۋۋەر، داڭلىق ماركىلىق بىر تۈركۈم گېزىت-ژۇرناللارنى نۇقتىلىق يېتىشتۈرىدۇ ۋە ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. دۆلەتلىك ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ھەرقايسى گېزىت - ژۇرناللارنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدىن «100 كۈچلۈك گېزىت - ژۇرنال» قاتارىغا كىرگەنلەرنى مۇناسىپ تەقدىرلەش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇ رايون، ۋە تارماقلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇرۇش ۋە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقىسى دۆلەتلىك ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ 2013- يىلىدىن بۇيان «100 كۈچلۈك گېزىت - ژۇرنال» نى 2- قېتىم باھالىشى بولۇپ، ھەرقايسى ئۆلكە (رايون، شەھەر) لىك ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىدارىلىرى، مەركىزىي گېزىت - ژۇرنال باشقۇرۇش ئورۇنلىرى تەۋسىيە قىلغان 213 گېزىت، 292 ئىجتىمائىي پەن ژۇرنىلى، 189 پەن - تېخنىكا ژۇرنىلى بولۇپ، جەمئىي 694 گېزىت - ژۇرنال بۇ يىللىق باھالاشقا قاتناشتۇرۇلغان. ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى خىزمەتنىڭ ئادىل، باراۋەر بولۇشى ئۈچۈن مەخسۇس رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئىلمى باھالاش پىرىنسىپى، باھالاش تەرتىپى ۋە باھالاش ئۆلچىمىنى بېكىتكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۈچ قېتىملىق قاتتىق تەكشۈرۈپ باھالىشىدىن كېيىن، «100 كۈچلۈك گېزىت»، «100 كۈچلۈك ئىجتىمائىي پەنلەر ژۇرنىلى»، «100 كۈچلۈك پەن -تېخنىكا ژۇرنىلى» باھالاپ چىقىلغان.



خەتكۈچلەر:
18-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
      چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئىتالىيەلىك بىر ئەر «ئۆي ئىشى قىلمىغانلىق» سەۋەبى بىلەن ئۆزىنىڭ ئايالىنى سوتقا ئەرز قىلغان. ئەگەر ئايالنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 6 يىللىق قاماق جازاسىغا...
07-02-2016
         ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 4-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەنىڭ غەربىي يورك ۋىلايىتىدىكى خۇددېرسفيېلد ۋوگزالىدا بىر داڭلىق «چارلىغۇچى مۈشۈك» بار بولۇپ، بەش يىلدىن بېرى ئۇ ئىزچىل ھالدا...
06-02-2016
      كىشىلەر ھازىر ئاللىقاچان ئۆز تارتىم سۈرەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا بۆسۈپ كىرگەنلىكىگە كۆنۈپ كەتتى. ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشقا قارىتا كۆز قاراش ئوخشاش ئەمەس، لېكىن نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغىنى ئۆزىنى سۈرەتك...
06-02-2016
      تاراتقۇلارنىڭ رۇسىيە لىۋادا خەلق رايىنى تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجە دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر بېرىشىچە، %72 رۇسىيەلىك جۇڭگوغا نىسبەتەن ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتىدىكەن. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 25-...
06-02-2016
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ ئىستىرېئولوق ئاپپارات يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى مىكرو ئاپپارات سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
06-02-2016
     قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دەرىغە نۇر سۇلتان قىزى نەزەربەيىۋا 5- فېۋرال، جۇڭگو ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلماقتا، قازاقىستانلىقلار خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشى كېرەك ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردىمى بولىدۇ دې...
06-02-2016
            تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
06-02-2016
        بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى خاك تۈنۈگۈن: يېقىندا ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە تىنچلىقنى ساقلاش خادىملىرى پۇقرالارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش شىكايىتىگە چېتىلىش ئەھۋاللىرى...
06-02-2016
         تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈندىن باشلاپ، بېيجىڭ ساقچى تەرەپ شەھەر بويىچە قۇلۇپ كەسپى نام-ئىسىملار خاتىرىسى تۈزۈمى بويىچە ئا...
06-02-2016
          2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى برازىلىيە سان پاۋلودا شادلىق بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى، سامبا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئارتىسلىرى سان پاۋلو شاتلىق بايرىمىدىكى نامايىشقا قاتناشتى.
Powered by Leglek