دېھقان قىزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دوختۇرخانىدا ئالما سېتىپ، 10 توننا ئالما بىر كۈندىلا سېتىلىپ تۈگىگەن. يېقىندا، شەندۇڭ يەنتەيدا ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان بىر ۋەقە يۈز بەرگەن، دېھقان قىزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دوختۇرخانىدا ئالما سېتىپ، دوختۇرخانا ھەققىنى تۆلىمەكچى بولغاندا، 1000 يېشىك ئالما بىر كۈندىلا سېتىلىپ تۈگىگەن. تاراتقۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا، يەنتەيدىكى بىر قىزچاق ئېغىر دەرىجىدە يىلىك راكى بولۇپ قالغان بولۇپ چوڭ-كىچىك تەرىتىگىمۇ قاچا تۇتۇشقا مەجبۇر بولغان. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاچقا دوختۇرخانا چىقىمىنى كۆتۈرۈشكە قادىر بولالمىغان. دادىسى دوختۇرخانىدىلا ئالما سېتىپ قىزىنىڭ داۋالاش ھەققىنى تۆلىمەكچى بولغان، بەختكە يارىشا شۇ يىلى ئالما سودىسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ بىر كۈندىلا 40000 يۈەن كىرىم قىلغان.
2015-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋەن شۇاڭ شۇاڭ ئېغىر دەرىجىدە يىلىك ياللۇغى بولۇپ قالغان، قايتا-قايتا داۋالىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭدا ياخشىلىنىش كۆرۈلگەن. گەرچە ھاياتىغا خەۋپ يەتمىسىمۇ ۋەن شۇاڭ شۇاڭغا يەنىلا بىر ئادەم قارىمىسا بولمايتتى. ئۆتكەن يىلى كۈزدە ئالمىدىن چوڭ ھوسۇل ئالغان بولسىمۇ قىزى تۈپەيلى ئالمىنى سېتىشقىمۇ ۋاقىت چىقىرالمىغاندى، ئەر-ئايال مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ئالمىنى دوختۇرخانىدىلا سېتىش قارارىغا كەلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved