ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىنىشىچە، شەخسلەرگە تۇرالغۇ ئۆي قەرزى بېرىش سىياسىتى بۇ قېتىم باشقىدىن تەڭشەلگەن بولۇپ، بىر يۈرۈش ئولتۇراق ئۆيى بار ھەمدە تۇرالغۇ ئۆي قەرزىنى تېخى تۆلەپ بولالمىغان ئاھالىلەر ئىككىنچى يۈرۈش ئۆي سېتىۋالماقچى بولسا، ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا %40 بولىدىكەن. ئىككىنچى يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆينىڭ ئالدىن تۆلەيدىغان پۇلىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشىگە قارىتا ئۆي سودىگەرلىرىنىڭ قاراشلىرى ھەر خىل بولدى، بەزى سودىگەرلەر بۇ قېتىمقى تەڭشەش تۇرالغۇ ئۆي بازىرىغا مەلۇم دەرىجىدە پايدىلىق، دەپ قارىدى. يەنە بەزى ئۆي سودىگەرلىرى بۇ يېڭى سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشى زور كۆلەمدىكى تۇنجى يۈرۈش ئۆي سېتىۋالماقچى بولغانلارنى جەلپ قىلالمىدى، دەپ قارىدى.
يامالىق تېغى ‹‹شىنتيەندى›› ئولتۇراق رايونى ئۆي سېتىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى جۇ بو تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىككىنچى يۈرۈش ئۆينىڭ ئالدىن تۆلەيدىغان پۇل نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى بىر قىسىم تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلايدىغانلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئارقىلىق، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق. مەيلى تۇنجى يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغۇچىلار بولسۇن ياكى ئىككىنچى يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغۇچىلار بولسۇن، پۇل تۆلەش ئىقتىدارى ئۇلارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئاساسلىق سەۋەبتۇر.
بۇ قېتىم چىقىرىلغان بىر يۈرۈش يېڭى سىياسەتلەر ئەمەلىيەتتە ئولتۇراق ئۆي بازىرىنى قايتىدىن جانلاندۇرىدۇ، گەرچە ھەممىلا ئادەم نەپكە ئېرىشەلمىسىمۇ، پۈتۈن بازارغا نىسبەتەن ئاكتىپ رولى زور بولۇپ، بازاردىكى سېتىۋېلىش كۈچىنى ۋاسىتىلىك قوزغىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يېڭى سىياسەتتە تۇرالغۇ ئۆي جامائەت پاراۋانلىق فوندى قەرزىنى ئىشلىتىپ تۇنجى يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل نىسبىتى %20كە چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ تۇرالغۇ ئۆي جامائەت پاراۋانلىق فوندى قەرزىنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تۇنجى يۈرۈش ئۆي سېتىۋالماقچى بولغانلارغا يول ئېچىپ بېرىدۇ.
لېكىن مەيلى بىرىنچى يۈرۈش ئۆي ياكى ئىككىنچى يۈرۈش ئۆي بولسۇن، ئالدىن تۆلەيدىغان پۇل ئازلىغان بىلەن، قالغان قىسمىنى قەرز ئېلىش سوممىسى ۋە شۇنىڭغا ماس ھالدا تۆلەيدىغان ئۆسۈممۇ كۆپىيىدۇ – دە، ئۆي ئېلىشقا سالىدىغان دەسمايىمۇ تەبىئىيلا ئۆرلەپ كېتىدۇ. ئالدىن تۆلەيدىغان پۇل نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى پەقەت ئۆي سېتىۋېلىش بوسۇغىسىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇڭا شەھەر ئاھالىلىرى ئۆي سېتىۋالغاندا ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان ئالدىن تۆلەيدىغان پۇل نىسبىتىنى تاللاپ، ئالدىن تۆلەيدىغان پۇل نىسبىتى ئازلىغان بىلەن، ئايدا تۆلەيدىغان پۇل كۆپ بولۇپ كېتىش بېسىمىدىن ساقلىنىشى كېرەك.
ئىككىنچى يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆيگە ئالدىن تۆلەيدىغان پۇلنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى راستىنلا ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا نەپ ئېلىپ كەلدىمۇ؟ بۇ ھەقتىكى تالاش – تارتىش بېسىقمىدى. بىراق نىمكەش ئۆي تىجارەت بېجى توغرىسىدىكى يېڭى سىياسەتنىڭ روياپقا چىقىشى نىمكەش ئۆي ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ھەم ۋاسىتىچىلەرنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى نىمكەش ئۆي يېڭى سىياسىتىدە، شەخسلەر سېتىۋالغىلى ئىككى يىلغا توشمىغان ئۆينى ساتماقچى بولسا، تىجارەت بېجى تولۇق تاپشۇرۇلىدىكەن؛ ئىككى يىلدىن ئاشقان ئادەتتىكى تۇرالغۇ ئۆينى ساتماقچى بولسا، تىجارەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن. ئىلگىرى سېتىۋالغىنىغا بەش يىلدىن ئاشقان ئادەتتىكى ئولتۇراق ئۆيلەر سېتىلماقچى بولسا، ئاندىن تىجارەت بېجى كەچۈرۈم قىلىناتتى.
يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى بىر نىمكەش ئۆي سودا دۇكىنىغا باردىم، دۇكان خوجايىنى مۇنداق دېدى: ھازىر نىمكەش ئۆي سودا بازىرىدا سېتىلىۋاتقان ئۆيلەرنىڭ كۆپىنچىسى سېتىۋېلىنغىنىغا بەش يىل بولمىغان ئۆيلەر، بۇرۇن تىجارەت بېجى تولۇق تۆلىنىدىغان بولغاچقا، باج سوممىسى نەچچە ئون مىڭ يۈەن، ھەتتا يۈز نەچچە مىڭ يۈەنگە يېتەتتى. نىمكەش ئۆي تىجارەت بېجى يېڭى سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تىجارەت بېجى يۈكى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ. بۇ قېتىمقى نىمكەش ئۆي سىياسىتى مۇنداقچە ئېيتقاندا، نىمكەش ئۆي ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچى ئىككىلا تەرەپنىڭ يۈكىنى زور دەرىجىدە يېنىكلىتىپ، نىمكەش ئۆي بازىرىنى جانلاندۇرىدۇ.
نىمكەش ئۆيىنى ساتماقچى بولغان جىڭ خانىم مۇنداق دېدى: مەن ساتماقچى بولغان ئۆينى سېتىۋالغىنىمغا تېخى بەش يىل بولمىغان، ئەسلىدە تىجارەت بېجى 70 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا چىقاتتى، شۇڭا ساتماقچى بولغان ئۆينىڭ باھاسىنىمۇ يۇقىرىراق بېكىتكەچكە ئىزچىل ساتالماي كەلگەنىدىم، مانا ھازىر يېڭى سىياسەت چىققاندىن كېيىن، تىجارەت بېجىنى تۆلىمەيدىغان بولدۇم، شۇڭا ئۆينىڭ باھاسىنىمۇ مۇۋاپىق تەڭشىگەچكە، ئۆيگە قىزىقىدىغانلار خېلى كۆپ بولۇۋاتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved