ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 7-سىنتەبىر كۆرسىتىلگەن تېلېۋىزىيە زىيارىتىدە، ئۆزىنىڭ 10-سىنتەبىر سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش لايىھەسىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئوباما ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىيو شىركىتىنىڭ ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈش پىروگراممسىدا مۇنداق دېدى: زەربە بېرىش لايىھەسى، ئىقتىساد، سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلار قاتارلىق كۆپ قاتلاملارغا چېتىلىدۇ. بۇندىن كىيىنكى بىر قانچە ئاي ئىچىدە، ئامېرىكا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ تەھىدىدگە تاقابىل تۇرۇپلا قالماستىن، يەنە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇ ئىگىلىۋالغان زېمىننى قايتۇرۇپ كېلىدۇ، ھەمدە ئەڭ ئاخىرى ئۇنى يوقىتىدۇ.
ئوباما خەلقئارا ۋە رايون ئىتتىپاقىغا كەڭ دائىرىدە تايىنىپ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىمىنى ئۇرۇش قىلىشقا قاتناشتۇرمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved