فرانسىيە خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسىنىڭ 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كانادا يۇلتۇز گېزىتى گۇرۇھى يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، كانادا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى Twitter، Facebook ۋە Instagram قاتارلىق دۇنياۋى ئىجتىمائىي مېدىيەلەرنى پۈتۈن كۈن مەخپىي نازارەت قىلىشنى پىلانلىغان. دۆلەت مۇداپىئە قارمىقىدىكى دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقات ۋە تەرەققىيات بۆلىمى بىر يېڭى تور نازارەت قىلىش سۇپىسى سېتىۋالغان بولۇپ، ئىجتىمائىي مېدىيەلەردىكى كۈندىلىك ئۇچۇرلارنى سۈزىدىكەن ۋە تەھلىل قىلىدىغان، نازارەت قىلىدىغان تىللار ئىنگلىز تىلى، فرانسۇز تىلى، ئەرەب تىلى، پارس تىلى، خەنزۇ تىلى ۋە رۇس تىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى بىلدۈرۈشىچە، نازارەت قىلىش كانادانىڭ شەخسىي سىر قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغان بولۇپ، كانادالىقلارنىڭ تور پائاليىتىگە قارىتىلمايدىكەن. يۇلتۇز گېزىتى بۇ نازارەت قىلىشنىڭ دېموكراتىك بولمىغان دۆلەتلەرگە قارىتىلغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ دەپ قارىدى. 40 نەپەر خادىم بلوگ، سۆز قالدۇرۇش كۆزنىكى، ئېلېكترونلۇق ئېلان سەھىپىسى، ھەتتا خەۋەر كەينىدىكى ئىنكاس مەزمۇنلىرىنى تەكشۈرىدۇ ۋە تەھلىل قىلىدۇ.
مەشغۇلات ۋە تاكتىكا قاتلىمىدىن قارىغاندا، ئىجتىمائىي مېدىيەلەر پائاليەت ئۇچۇرى، ئاچقۇچلۇق تەسىر كۈچ، يەرلىك ئاممىنىڭ كەيپىياتى، ھەتتا كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى تەمىنلەيدۇ. ئاخبارات ھەرىكىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىكلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، ھەرىكەتچان زۆرۈر ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش خەلق رايى ھەمدە ھاكىمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved