مەستانىلىرى ناتالىيەنىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن ئوغرى بولۇشنى تالىشىپ كېتىشتى: «مېنى قاتتىق سوراق قىلىڭ!»
قىرىمنىڭ 33 ياشلىق باش تەپتىش ئەلدارى ناتالىيە بولوڭسكى بۇ بىر نەچچە كۈندە توردا تۇنۇلۇپ كەتتى. ئۇنىڭ گۈزەل رۇخسارى سانسىزلىغان تورداشلارنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالدى. نۇرغۇنلىغان مەستانىلىرى توردا ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇپ :« مېنى قاتتىق سوراق قىلىڭ، ھەرگىز تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرماڭ» دېيىشىپ كەتتى.
3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۇ قىرىمنىڭ باش تەپتىش ئەمەلدارى بۇلۇپ سايلاندى. ۋەزىپىگە ئولتۇرغان شۇ كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يېغىنىنىڭ نەق مەيدان سىن فىلىمى YouTube ( ئەڭ چوڭ فىلىم تورى) غا چىقىرىلغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ياپونىيىلىك ئەرلەر ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭ سادىق مەستانىسىگە ئايلانغان.
بۇ سىن فىلىمىنىڭ ۋاقتى بەكمۇ قىسقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە %40 ۋاقىتنىڭ ھەممىسى ناتالىيەنىڭ جىمجىت ئولتۇرۇپ مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سوئالىنى ئاڭلاۋاتقان كۆرۈنىشى. ھەتتا پۈتۈن فىلىمنىڭ ئاستىدا خېتىمۇ يوق.( باشقا تىلغا تەرجىمە قىلىنمىغان ياكى ئاستىدا تەرجىمىسى يوق.) بىراق يەنىلا نۇرغۇنلىغان ياپونىيىلىك ئەرلەرنىڭ ھىققىتىنى تارتتى. ياپونىيىلىك مەستانىلەر ئارقىمۇ ئارقا ئىنكاس يوللاپ :« دەرھال مېنى يالاپ ئاپىرىپ سوراق قىلىڭ، بىلىدىغىنىمنى تاپشۇرىمەن، بىلمەيدىغىنىمنىمۇ تاپشۇرىمەن!»دېيىشىپ كەتتى. يەنە بەزىسى:« مەن ئۇنىڭ مېنىڭ ياقامدىن تۇتۇپ ئىككى شاپىلاق ئۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مېنى ئۇرۇپ يېقىتقاندىن كېيىن ئىككى پۇتدا دەسسىسىمۇ مەيلى!» دېگەن. يەنە نۇرغۇن مەستانىلىرى ھەجۋىي رەسىم ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ناتالىيەگە بولغان قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىگەن.
20-كۈنى ھەتتا بەزى مۇخبىر:« توي قىلدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىغان. ئۇ « ياق» دەپ جاۋاپ بەرگەن. « ياپونىيىلىك بىر كىشىنىڭ سىز ئۈچۈن ئۆزىنى يوقاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟» دەپ سورالغاندا :« مېنىڭ تورغا چىقىشقا ۋاقتىم يوق، بىراق beauty saves the world ( گۈزەللىك دۇنيانى قۇتۇلدۇرىدۇ) » دەپ جاۋاپ بەرگەن.
12 يىل قانۇن بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ھەرگىزمۇ قۇرۇق تەشتەك ئەمەس.
ناتالىيە 1981-يىلى تۇغۇلغان. ئىلگىرى قىرىم مەركىزى سىمفىلوبىرنىڭ ئەدلىيە مۇپەتتىشلىك خىزمىتىنى ئۆتىگەن.سىياسىي مەيدانى روسىيەگە تارتىدۇ، قىرىمنىڭ روسىيەگە قوشۇلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇ ئىلگىرى ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن« جەسەت كۈلىدىن پەيدا بولغان ئالۋاستى» دەپ قاتتىق تەنقىدلەنگەن.
ناتالىيە ئىلگىرى ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:« بەزىلەر بەلكىم ھەيران قېلىشى مۇمكىن. مەن ئۆزۈمنىڭ تاشقى قىياپىتىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن. بىراق سىلەر شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى مەن قانۇن ئىجراچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىلى 12 يىل بولدى،مېنىڭ تاشقى قىياپىتىم بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ خىزمىتىمگە دەخلى قىلمىغان. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ دەخلى قىلمايدۇ. مەن سىلەرگە كاپالەت بېرەلەيمەن.» ئۇ ھەتتا:« مېنىڭ تاشقى قىياپىتىم مېنىڭ رەقىبىمنىڭ ھوشيارلىقىنى بوشاشتۇرىدۇ.»دەپ بىلدۈرگەن.
سوخۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved