ئەلجەزىرە تورى 15-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: پاكىستاننىڭ لاھور رايۇنىدا ئىككى چېركاۋ نىشان قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا ئاز دىگەندە 14 كىشى ئۆلدى ۋە 78 كىشى يارىلاندى.
پاكسىتاننىڭ پەنجاپ ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى لاھوردا خىرىستىئانلار كۆپ سانلىق ياشىۋاتقان رايۇندا ئىككى قېتىملىق بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى. ۋەقەدە ئەڭ ئاز دىگەندە 14 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 78 كىشى يارىلاندى. بۇ ۋەقەنى پاكسىتان تالىبان ھەرىكىتىدىن ئايرىم ھەرىكەت قىلىۋاتقان، ئەمما «تالىبان» دىگەن ئىسىمنى قوللىنىۋاتقان «ھۆرلەر جامائىتى» ئۈستىگە ئالدى.
لاھور ساقچى تەرەپنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، بومبا ھۇجۇملىرى لاھورنىڭ يۇھانئاباد بازىرىدىكى بىر بىرىگە يېقىن جايدىكى كاتولىك ۋە پروتېستىئان چېركاۋىدا يۈز بەردى. يەرلىك دائىرىلەر، ھۇجۇمنىڭ ئۆزىنى قۇشۇپ پارتلاتقۇچىلار تەرىپىدىن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
نەخ مەيداندىكى بىر قىسىم كىشىلەر، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى سادىر قىلغۇچىنىڭ چېركاۋغا كىرىشكە ئۇرۇنغان ۋاقىتتا ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇلغانلىقىنى، ھەم شۇ ھامان بەدىنىدىكى بومبىنى پارتلاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىغا ئالاقىدار رەسمى بايانات ئېلان قىلىنمىدى. يۇھانئاباد بازىرىدا تەخمىنەن 100 مىڭ خىرىستىئان ياشايدۇ.
گۇماندار قولغا ئېلىندى
ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىن بىر قانچە خىرىستىئان پاكىستان پۇقراسى، بىخەتەرلىك تەدبىرىنىڭ يىتەرلىك كاپالەتكە ئىگە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەتنى بۇ ئىشقا مەسئۇل دەپ قارىدى.
ھۆكۈمەت سىياسەتچىلىرىگە قارشى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى داۋاملاشتى ۋە تېخىمۇ زورايدى. ۋەقەگە ئالاقىدار دەپ گۇمان قىلىنغان ئىككى كىشى ئۇرۇلۇپ، يەرگە سۆرۈلۈپ ئاندىن كۆيدۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلدى. نامايىشچىلار يەنە بىر قىسىم دۇككان ۋە ماشىنىلارغا ھۇجۇم قىلدى، غەزەپ نەپرەتلىك نامايش، ساقچى ۋە رايۇندىكى سىياسەتچىلەرنى نەخ مەيداندىن يىراقلاشتۇرى.
ۋاتىكاندا يەكشەنبە كۈنى پاپا فرانكىس سۆز قىلىپ، بۇ ھۇجۇم ۋەقەسى سەۋەبلىك قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى ئېيتتى، پاپا، خىرىستىئانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ئەيبلەپ، «قېرىنداشلىرىمىز پەقەت خىرىستىئان بولغانلىقى تۈپەيلىدىن قان تۆكۈلدى» دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved