4–ئاۋغۇست كېچىدە ، شېنجېن قاتناش ساقچىلىرى ئۇزۇن ئارىلىق چىرىغىنى قالايمىغان ئىشلەتكەن شوپۇرلارنى نەق مەيداندا تەربىيەلەپ ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالىدى . ئۇزۇن ئارىلىق چىرىغىنى قالايمىغان ئىشلەتكەن شوپۇرلارغا ، يېقىپ قويۇلغان چوڭ چىراغقا 5 مىنۇت قارىتىش جازاسى بەردى .
تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل ئەھۋالدا ئۇزۇن ئارىلىق چىرىغىنى ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن : يورۇقلۇق شارائىتى ياخشى ئەھۋالدا ؛ ئاپتوموبىللار ئۆزئارا ئۇچراشقاندا ؛ ئاپتوموبىل تۇنېل ۋە ئاسما كۆۋرۈك قاتارلىق جايلاردا يۈرگەندە ؛ ئاپتوموبىل توختىتىپ قويۇلغاندا ياكى ئاپتوموبىل مېڭىشتىن توختىغاندا . بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۇزۇن ئارىلىق چىرىغىنى ئىشلەتكەنلەرگە 300 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ ، 1 نومۇر تارتىلىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved