بۇرۇندى پرېزىدېنتى دۆلىتىگە كىرەلمىدى

جاھان ئاگېنتلىقى 14-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: بۇرۇندى پرېزىدېنتى پىرى نكۇرۇنزىزانىڭ ئايرۇپىلانى پايتەخت بۇجۇمبۇراغا قونۇشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى، ئايرۇپىلان تانزانىيەگە قايتىپ كەتتى. تانزانىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى ئاسساھ مۋامبىنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، « بۇرۇندى پرېزىدېنتى نكۇرۇنزىزانىڭ ئايرۇپىلانىنىڭ بۇرۇندى ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىشى چەكلەندى، شۇڭلاشقا دارۇسسالامغا قايتىپ كەلدى» دېدى. بۇرۇندى پرېزىدېنتى نكۇرۇنزىزا، بۇرۇندىدىكى كىرزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن شەرقى ئافرىقا ئەللىرى«EAC» يىغىنىغا قاتنىشىش مەقسىتىدە تانزانىيەگە بارغان بولۇپ، دۆلىتىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش خەۋىرىنى ئاڭلاپ دۆلىتىگە قايتىشنى قارار قىلغان ئىدى، ھەربىي دائىرلەر، سابق باش شىتاب باشلىقى نىيومبارنىڭ پرېزىدېنت نكۇرۇنزىزانىڭ قايتىپ كېلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن دۆلەت چېگرىلىرى ۋە بۇجۇمبۇرا ئايرۇدرومىنى تاقىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. نىيومبار پايتەختتىكى «ئافرىقا رادىئوسى» غا سۆز قىلىپ، پرېزىدېنت نكۇرۇنزىزانىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلاپ، نامايىشچىلارنى ئايرۇدرومغا قاراپ مېڭىشقا چاقىرىق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن مىڭلىغان نامايىشچى پايتەخت بۇجۇمبۇرا كوچىلىرىغا تۆكۈلگەن، نامايىشچىلار بىلەن بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئارىىسدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئاز دىگەندە 3 كىشى ئۆلدى.
شەرقى ئافرىقا ئەللىرى بىرلەشمىسى «EAC» بۇرۇندىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش پىلانىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. دارۇسسالام شەھىرىدە ئېچىلغان «EAC» يىغىنىدا، تانزانىيە پرېزىدېنتى جاكايا كىكۋىتى شەرقى ئافرىقا بىرلەشمىسى نامىدا بايانات ئېلان قىلىپ، « بۇرۇندىدا ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت ۋاستىىسى بولىدىغان ھەربىي ئۆزگىرىش ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرىمىز» دىگەن. كىكۋىتى، شەرقى ئافرىقا ئەللىرى بىرلەشمىسىنىڭ بۇرۇندىدىكى بارلىق پارتىيەلەردىن دېموكراتىك سايلامغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، «بۇرۇندىدىكى سايلام دۆلەتتە تىنچلىق ھۆكۈم سۈرگەنگە قەدەر كېچىكتۈرۈلۈشى كىرەك» دېدى.



14-05-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek